د ۋىتامىن (D vitamin) بوۋاق بالىلارنىڭ سۆڭەك ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئاتا ئانىلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرەلمەي قالىدۇ. كۆپىنچىلىرىنىڭ ئېڭىدە بالىغا ئانا سۈتى ۋەيا ئىنەك سۈتى يىتەرلىك دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە كۆپىنچە بالىلار ۋىتامىن كەمچىللىك سەۋەبلىك بەدەن ئاغرىيدىغان، ئۆسۈپ يىتىلىشى ئاستا بولىدىغان ھەتتا ئېغىر ئەھۋاللاردا راخت كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.
تۆۋەندە بالىنىستىمىزدا 3 ھەپتە د ۋىتامىنى كەمچىل راخت كىسىلى سەۋەبلىك داۋالانغان 2 ياشلىق بىمار بالىنىڭ بەزى رەسىملىرىنى تەمىنلىدۇق.
رېنتىگېندە بالىنىڭ بىلەك سۆڭەكلىرىنىڭ باش ۋە قۇيرۇق قىسىملىرىنىڭ يوغىناپ كەتكەنلىكىنى ۋە سۆڭەك زىچلىقىنىڭ ئازلاپ ھەتتا قەدەھ شەكىلدە بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. بۇنىڭدىن سىرت بالىنىڭ سۆڭەك قىسمىنىڭ زىچلىقى ئازلاپ كەتكەنلىك سەۋەبلىك ئاقلىق دەرىجىسى سۇسلىشىپ كەتكەن. ئەگەر بەدەندە يىتەرلىك د ۋىتامىن ۋە كالتسىي بولسا، رېنتىگېندا سۆڭەك تېخىمۇ ئاق زىچ كۆرۈنىدۇ.
بالىنىڭ كۆكرەكنىڭ يان تەرەپتىكى قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىدە مارجان ( راخت تەسۋىسى ) شەكىلدە چىقىپ تۇرغان كۆرۈنۈشنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ د ۋىتامىن كەملىك راخت كېسىلىنىڭ بىر ئىپادىسى.
بالىنىڭ بىلەك سۆڭەكلىرىنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرى يوغان، ئوتتۇرا قىسمى ئىنچىكە ھەتتا بىراز ئېگىك شەكىلدە. بۇمۇ د ۋىتامىن كەملىك راخت كېسىلىنىڭ بىر ئىپادىسى.