ئابسورپسىيە سپېكتىر (absorption spectrum) ئۇسۇلى سپېكتروفوتومېتىر (Spectrophotometer) ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل ئانالىز تېخنىكىسى بولۇپ، ئۇ ئەۋرىشكىنىڭ ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئاستىدا سۈمۈرگەن يورۇقلۇق كۈچىنىشىنى ئۆلچەشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل تېخنىكا خىمىيە ۋە ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدە، بولۇپمۇ كۆرگىلى بولىدىغان نۇر ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇر سپېكترى دائىرىسىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلى ماددىنىڭ يۇرۇقلۇقنى سۈمۈرۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئاتوم، مولېكۇلىلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.
image source رەسىم مەنبەسى : sciencefacts.net
ئاساسىي پىرىنسىپى: ماددا فوتوننى سۈمۈرگەندە، تۆۋەن ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىسىگە سەكرەش يۈز بېرىپ، ئالاھىدە سۈمۈرۈش سپېكترى شەكىللىنىدۇ. بۇ سپېكترلار يىپسىمان سپېكتر ياكى سۈمۈرۈش بەلبېغى بولۇشى مۇمكىن، بۇ سپېكترنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ماددىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.يورۇقلۇق مەلۇم ماتېرىيالدىن ئۆتكەندە، ماتېرىيالدىكى ئاتوم ياكى مولېكۇلا يورۇقلۇق بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، يورۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر فوتوننىڭ ئېنېرگىيەسى ماتېرىيالدىكى ئېلېكتىرون ترانزىتسىيەسىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن ماس كەلسە، ئۇ ھالدا ئېلېكتىرون بۇ فوتوننى سۈمۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سپېكتر جەھەتتە ئالاھىدە سۈمۈرۈش ئالاھىدىلىكى شەكىللىنىدۇ.
ئاتوم ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلى ( AAS ):بۇ بىر خىل ئالاھىدە ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلى بولۇپ ،ئۇ ماددىنىڭ ئاتوم پارىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ئاتوملار تارقاتقان ئالاھىدە رادىئاتسىيەنى سۈمۈرۈش رولىنى ئاساس قىلىدۇ. AAS 70 نەچچە خىل ئېلېمېنتنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ ،ئۇ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى، تاللاشچانلىقى ياخشى، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.
ئانالىز جەريانى:ئابسورپسىيە سپېكترى ئانالىزى ئېلىپ بارغاندا، ئادەتتە بىر يورۇقلۇق مەنبەسى ئارقىلىق ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇر تارقىتىلىدۇ، ئاندىن ئەۋرىشكە ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئەۋرىشكىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى يورۇقلۇق كۈچىنىشى ئۆلچىنىدۇ. ئىپتىدائىي نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ۋە ئەۋرىشكىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەۋرىشكىنىڭ ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرنى سۈمۈرۈش دەرىجىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
قوللىنىش دائىرىسى:ئابسورپسىيە سپېكتر ئۇسۇلى خىمىيە، بىئولوگىيە، مۇھىت ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، ھاياتلىق ئىلمىدە، سۈمۈرۈش سپېكترىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاقسىل ۋە باشقا جانلىقلار چوڭ مولېكۇلىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ؛ مۇھىت ئىلمىدە، بۇلغىمىلارنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ. ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلى ئېرىتمىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقىنى مىقدارلىق ئانالىز قىلىشقا، شۇنداقلا مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ۋە خىمىيەلىك رېئاكسىيە دىنامىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، دورا ئانالىزى، بىئولوگىيە تەتقىقاتى ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە مۇھىم قوللىنىلىدۇ.
تېخنىكا تۈرلىرى: تەتقىق قىلىدىغان سپېكتر دائىرىسى ۋە ئانالىز مەقسىتىگە ئاساسەن، ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلىنى ئوخشاش بولمىغان تېخنىكىلارغا ئايرىشقا بولىدۇ، مەسىلەن:ئۇلترا بىنەپشە نۇر – كۆرۈنىدىغان سپېكتروفوتومېتىر ئۇسۇلى ( UV – Vis )، ئاتوم ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلى ( AAS ) قاتارلىقلار.
ئىنفرا قىزىل نۇر ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلى:بۇ ئابسورپسىيە سپېكتىر ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ماددىلارنىڭ ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئانالىز قىلىنىدۇ. ئىنفىرا قىزىل نۇر ئابسورپسىيە سپېكترى ئۇسۇلى كەڭ دائىرىلىك بىرىكمىلەرگە ماس كېلىدۇ، كۆپ مىقداردىكى مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇ ئورگانىك ماددا بارماق ئىزىنى ئانالىز قىلىشتىكى مۇھىم قورال.
ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى: ئابسورپسىيە سپېكتروسكوپى ئادەتتە يورۇقلۇق مەنبەسى، ئەۋرىشكە قاچىسى، يەككە رەڭلىك ئەسۋاب ( ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرنى تاللاشقا ئىشلىتىلىدۇ ) ۋە تەكشۈرۈش ئەسۋابى ( يورۇقلۇق كۈچىنىشىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سانلىق مەلۇماتنى چۈشەندۈرۈش: ئابسورپسىيە سپېكتر دىئاگراممىسىدىكى چوققا قىممەت ياكى جىلغا قىممىتى ئەۋرىشكىدىكى ئالاھىدە تەركىبنىڭ ئابسورپسىيە ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئارقىلىق ئەۋرىشكىدىكى ئوخشاش بولمىغان تەركىبلەرنى پەرقلەندۈرگىلى ۋە مىقدارلىق ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ.
ئەسۋابلارنىڭ ئىشلىتىلىشى: ئابسورپسىيە سپېكترىنى ئانالىز قىلغاندا، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سپېكتروفوتومېتىر ياكى فوئۇرېر ئالماشتۇرۇشتىكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سپېكترومېتىر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەسۋابلار ماددىلارنىڭ ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرنى سۈمۈرۈش ئەھۋالىنى توغرا ئۆلچەپ چىقالايدۇ.
ئارتۇقچىلىقى ۋە چەكلىمىلىكى: ئابسورپسىيە سپېكترى ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، تاللاشچانلىقى يۇقىرى ۋە مول قۇرۇلما ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ماددىنىڭ نۇرنى سۈمۈرۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ماددىنىڭ تەركىبى ۋە قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار مولېكۇلا سەۋىيەسىدە ماددىنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەرىكىتىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما، ئۇ يەنە ئەۋرىشكىنىڭ ماترىتسا ئېففېكتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ياكى بەزى ئەھۋاللاردا مۇرەككەپ ئەۋرىشكىنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچىغا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن.


