تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بەزى كىشىلەرگە دائىم ئېغىز بوشلۇقى يارىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ھەتتا چىش مىلىكىدىن قان چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ياخشى ئۇسۇللار ئارقىلىق پائال ياخشىلاپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، ئاندىن بۇ ئالامەتلەر يېنىكلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جەرياندا بەزى خاتا قاراشلاردا بولۇپ، سەۋەبىنى چۈشەنمەيلا، بىر قىسىم ئۇسۇللارنى سىناپ باقىدۇ. ئەگەر قوللانغان ئۇسۇل مۇۋاپىق بولمىسا، بەدەندىكى ناچار ئالامەتلەر بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىش مىلىكى قاناشقا قارىتا قانداق خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىش كېرەك؟
1. چوقۇم ۋىتامىن C نىڭ كەمچىل بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىش مىلىكى قاناشنى ۋىتامىن C نىڭ كەملىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C تولۇقلىسا ياخشىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولۇشنىڭ ۋىتامىن C نىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، ۋىتامىن C نىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بەك ئاز بولۇپ قالسا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىش مىلىكىدىن قان چىقىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ.
شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، بۇنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، پائال ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر قارىغۇلارچە ۋىتامىن C تولۇقلىسا، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنبەنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىتامىن C نى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز.
2. چوقۇم ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، دېگەن خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولۇپ قالغاندا ياكى چىش مىلىكى قانىغاندا ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولغان، دەپ قارايدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەردە ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە گال ئاغرىش، چوڭ تەرىتى قۇرغاقلىشىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بەزىدە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولىدۇ. ئەمما، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ چوقۇم ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى ناتايىن. چۈنكى ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىمۇ ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چىش ئەتراپى كېسىلى، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىقلار سالامەتلىككە تەھدىت ئېلىپ كەلسە، بىمارنىڭ چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى ئاسانلا زەخىملىنىپ قانايدۇ، ئادەتتە ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە قان چىقىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا بۇنى ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
3. داۋالىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىش بولىدۇ، دېگەن خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك.
دائىم ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولۇپ، چىش مىلىكىدىن قان چىقسا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى ئانچە ئېغىر ئەمەس، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا ھېچقانداق ئالاھىدە تەدبىر قوللانمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئېغىز بوشلۇقى قايتا-قايتا يارىلىنىش، چىش مىلىكى قاناش ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ، بۇلار بىر قەدەر ئېغىر كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىققان ناچار كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قايتا-قايتا پەيدا بولىدىغان ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلمەي، شىللىق پەردە قايتا-قايتا غىدىقلانسا ھەم زەخىملەنسە، ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا يارا پەيدا بولۇشى ۋە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا قايتا-قايتا قانىشى راكقا ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى بايقىغاندا، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش، ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك.
ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىش مىلىكى قاناشقا ئائىت خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ ئەھۋاللارنىڭ قايتا-قايتا پەيدا بولۇش سەۋەبىنى، ماس داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېنىق چۈشىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/9181513.shtml