بوۋاقلار نېمىشقا يىغلايدۇ؟ يىغىنىڭ سىرىنى يېشىش ۋە تەسەللى بېرىشنىڭ 5 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى
كېچىنىڭ تىمتاسلىقىدا، بوۋىقىڭىزنىڭ توختىماي يىغلىغان ئاۋازى يېڭى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەڭ قىيىن سىناقلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. سىز ئۇنى ئېمىتتىڭىز، سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇردىڭىز، ئەمما يەنىلا توختىماي يىغلاۋاتىدۇ. بۇنداق پەيتلەردە ئۆزىڭىزنى چارىسىز ۋە ھەتتا مەغلۇپ بولغاندەك ھېس قىلىشىڭىز تەبىئىي.
ئەمما شۇنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ: يىغلاش — بوۋاقنىڭ بىردىنبىر ئالاقە قىلىش تىلىدۇر. ئۇ سىزنى رەنجىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بىرەر ئېھتىياجىنى ياكى بىئاراملىقىنى سىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغلايدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز بۇ تىلنى چۈشىنىشكە تىرىشىش ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش. بۇ ماقالە سىزگە بوۋاقلارنىڭ يىغلاش سەۋەبلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ.
بوۋاقنىڭ يىغىسى – ئۇلارنىڭ تىلى: يىغلاشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى
بوۋىقىڭىز يىغلىغاندا، ئۆزىڭىزنى بىر «رازىۋېتچىك» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ، تۆۋەندىكى «گۇماندارلار تىزىملىكى» نى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىڭ:
- ئاچلىق: بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، ئۇلار تېز-تېزدىن ئېمىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
- سۈيدۈك لاتىسى ھۆل بولۇش: ھېچكىم ھۆل ئىشتان كىيىپ يېتىشنى ياقتۇرمايدۇ، بوۋاقلارمۇ شۇنداق. پەستىنىكىسىنىڭ ھۆل ياكى پاسكىنا بولۇشى ئۇنى بىئارام قىلىدۇ.
- ئۇيقۇسى كېلىش ياكى چارچاش: بوۋاقلار چارچىغاندا ئۇخلىيالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ جىددىيلىشىپ يىغلايدۇ. ئەسنەش، كۆزىنى ئۇۋىلاش، بوشلۇققا تىكىلىش قاتارلىقلار ئۇيقۇ سىگناللىرىدۇر.
- قۇچاقلاشقا مۇھتاج بولۇش: بوۋاقلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ئىللىق ۋە بىخەتەر مۇھىتقا كۆنگەن. ئۇلار سىزنىڭ قۇچىقىڭىزدا، يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ.
- قورساق ئاغرىقى ( ئۈچەيدىكى يەل ): ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى يېتىلمىگەچكە، بوۋاقلارنىڭ قورسىقىغا ھاۋا كىرىپ، ئاغرىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
- بەك ئىسسىپ كېتىش ياكى سوۋۇپ كېتىش: بوۋاقنىڭ بوينىنىڭ كەينىنى تۇتۇپ بېقىڭ، ئەگەر تەرلىگەن بولسا ئىسسىپ كەتكەن، ئەگەر سالقىن بولسا سوۋۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
- چىشى چىقىش: ئادەتتە 4-6 ئايلىقتىن باشلاپ، چىش چىقىش جەريانىدىكى بىئاراملىق يىغىغا سەۋەب بولىدۇ.
- زېرىكىش ياكى زىيادە غىدىقلىنىش: بەزىدە بوۋاقلار زېرىككەنلىكتىن يىغلىسا، بەزىدە ئەتراپتىكى ئاۋاز، نۇر ۋە ھەرىكەتلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، مېڭىسى بىر تەرەپ قىلالماي يىغلايدۇ.
- قىزىتما ۋەيا كېسەللىك : بەزى بوۋاقلار ھەقىقەتەن بەدەندە بىر كېسەللىك بولغاندا توختىماي يىغلايدۇ. بۇ چاغدا پۈتۈن بەدەننى تەكشۈرۈپ بېقىڭ ، قىزىتمىسىنى ئۆلچەپ بېقىڭ. بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىڭ.
بوۋاق يىغىسىنى توختىتىشنىڭ 5 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى
داڭلىق بالىلار دوختۇرى خارۋېي كارپ (Harvey Karp) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا «تىنچلاندۇرۇش رېفلېكسى» نى قوزغاش ئۈچۈن «5 S» قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئۇسۇللار ئانا قارنىدىكى مۇھىتنى تەقلىد قىلىپ، بوۋاقنى تېزلىكتە تىنچلاندۇرىدۇ.
1. يۆگەش ( Swaddling )
ئانا قارنىدا بوۋاقلار چىڭ ئورالغان ھالەتتە تۇراتتى. يۆگەك بىلەن چىڭ، ئەمما بىخەتەر يۆگەش ئۇلارغا شۇ تونۇش بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرىپ، ئۆز قوللىرىنى قاغجىتىپ ئۆزىنى ئويغىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
- قانداق قىلىش؟ يۆگەكنى چىڭ ئورىغاندا، بوۋاقنىڭ پۇت-قولىنى چىڭ تۇتۇڭ، ئەمما يانپاش قىسمىنى بوشراق قويۇپ، پۇتىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىڭ.
2. يان ياكى قورساق ھالىتىدە تۇتۇش ( Side or Stomach Position )
بوۋاقنى قولىڭىزدا تۇتۇپ تەسەللى بېرىۋاتقاندا، ئۇنى يان تەرىپىگە ياكى قورساق تەرىپىگە قىلىپ تۇتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇلارنى تېخىمۇ تېز تىنچلاندۇرىدۇ.
- بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى: بۇ ھالەت پەقەت سىز ئۇنى قولىڭىزدا تۇتۇپ تۇرغاندا ئىشلىتىلىدۇ. بوۋاقنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ھەرگىز دۈمبىچىلەپ ياكى يان ياتقۇزماڭ! بىخەتەر ئۇخلاش ھالىتى ھەمىشە ياتىقىدا ياتقۇزۇشتۇر.
3. «ششش…» دېگەن ئاۋاز چىقىرىش ( Shushing )
ئانا قارنىدىكى مۇھىت جىمجىت ئەمەس. قان تومۇرلارنىڭ سوقۇشى، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى قاتارلىق ئاۋازلار ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. بوۋىقىڭىزنىڭ قۇلىقىغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ يىغىسى بىلەن ئوخشاش ئاۋازدا «ششش…» دېگەن ئاۋازنى چىقىرىڭ.
- قانداق قىلىش؟ سىز چىقارغان ئاۋاز ئۇنىڭ يىغىسىدىن سەل يۇقىرىراق بولۇشى كېرەك. ئۇ تىنچلانغانسېرى، سىزمۇ ئاۋازىڭىزنى پەسلىتىڭ. ئاق شاۋقۇن (white noise) ماشىنىلىرىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
4. يەڭگىل تەۋرىتىش ( Swinging )
سىز مېڭىۋاتقاندا، بوۋاق ئانا قارنىدا دائىم تەۋرىنىپ تۇراتتى. يەڭگىل، رىتىملىق تەۋرىتىش بۇ ھەرىكەتنى تەقلىد قىلىدۇ.
- قانداق قىلىش؟ بوۋاقنى قولىڭىزدا تۇتۇپ، ئاستا-ئاستا، كىچىك دائىرىدە تەۋرىتىڭ ياكى ئولتۇرۇپ تەۋرىنىدىغان كۇرسىدا ئولتۇرۇڭ. ھەرگىز بوۋاقنى قاتتىق سىلكىمەڭ! بۇ مېڭىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ.
5. سۈمۈرۈش/ئېمىش ( Sucking )
سۈمۈرۈش بوۋاقلار ئۈچۈن كۈچلۈك بىر تىنچلاندۇرۇش مېخانىزمىدۇر. ئۇ ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاستىلىتىپ، خاتىرجەم قىلىدۇ.
- قانداق قىلىش؟ ئۇنىڭغا كۆكرەك، سۈت بوتۇلكىسى، پاكىز بارمىقىڭىزنى ياكى ئېمىزىك (pacifier) بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر ھېچقانداق ئۇسۇل كار قىلمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بەزىدە، سىز ھەممە ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسىڭىزمۇ، بوۋاق يەنىلا يىغلاۋېرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا:
- ئۆزىڭىزگە ھاي بېرىڭ ۋە بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت جىم تۇرۇۋېلىڭ : ئەگەر ئۆزىڭىزنى ھالسىز، ئاچچىقلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلسىڭىز، بوۋاقنى كارىۋاتقا ئوخشاش بىخەتەر بىر يەرگە قويۇپ، ئۆزىڭىز باشقا بىر ئۆيگە بېرىپ بىر نەچچە مىنۇت چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ. سىزنىڭ تىنچلىنىشىڭىز بالىغىمۇ ياردەم قىلىدۇ.
- مۇھىت ئالماشتۇرۇڭ: بەزىدە ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ھەم سىزگە، ھەم بالىغا ياخشى كېلىدۇ.
- دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىڭ: ئەگەر بوۋىقىڭىزنىڭ يىغىسى بىنورمال، ئاۋازى ئاجىز ياكى بەك جىگگىدە بولسا، تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىسە ياكى باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
بوۋاقنىڭ نىمە سەۋەبلىك يىغىلىشىنى چۈشىنىش بىر كېچىدىلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭغا بىر جەريان كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سىز بالىڭىزنىڭ «تىلى» نى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بولىسىز. سەۋرچان بولۇڭ، ئۆزىڭىزگە ۋە تۇيغۇلىرىڭىزغا ئىشىنىڭ. سىز بوۋىقىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەسەللى بېرەلەيدىغان، ئۇنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان بىردىنبىر ئىنسان. سىز بۇنى چوقۇم ياخشى قىلالايسىز