ئاياللار ئارىسىدا ئەينەككە قاراشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك
تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق قۇرلار بار : ئاياللارنىڭ ئەينەككە قاراشقا ئامراق كېلىشىدە ئىلمىي ئاساس يېتەرلىك ، بولۇپمۇ ئەينەككە كۆپ قاراشنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى كۈچلۈك .
بۇ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئادەمنى قېرىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل .
رۇسىيەلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ ھەرقانداق ماددا ۋە ھېلھەم ھايات ئورگانىزم تاشقى رادىياتسىيە مەيدانىنىڭ تەسىرىدە نۇر ، ئىسسىقلىق ۋە سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ ، ئادەم ئەينەككە قارىغان چاغدا ئەينەك ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىنتايىن تۆۋەن رادىياتسىيە ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسى ، ئىچكى ئەزالىرى ۋە بەدىنىگە بەلگىلىك رەۋىشتە تەسىر كۆرسىتىپ ، ھۈجەيرىنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ ›› .