ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇش: سەۋەبلىرى، ئالامەتلىرى ۋە ئائىلىدە كۈتۈش ئۇسۇللىرى

بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقى ئاتا-ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ كىچىك بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇش ئەھۋاللىرى ئاتا ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئادەتتە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ياكى يېمەك-ئىچمەكتىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا، بوۋاقنىڭ بەدىنىدە سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىپ، سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

 

بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى

بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:

  • ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش: بولۇپمۇ روتا ۋىرۇسى (Rotavirus) بوۋاقلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل.
  • باكتېرىيە ۋە پارازىت قۇرتلار:پاكىز بولمىغان يېمەكلىك ياكى سۇ ئارقىلىق بەدەنگە كىرگەن باكتېرىيەلەر ھەزىم سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
  • يېمەكلىككە ماسلىشالماسلىق:يېڭىدىن قوشۇمچە يېمەكلىككە باشلىغاندا ياكى كالا سۈتىگە بولغان سېزىمچانلىق سەۋەبىدىن ئىچ سۈرۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
  • ئانتىبىيوتىك دورىلار:بەزى دورىلار ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئالامەتلەر

ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ تەرىتى سۇيۇقراق بولىدۇ، ئەمما ئىچ سۈرۈش باشلانغاندا تەرەت قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ ۋە سۇدەك سۇيۇق ۋەيا يېشىل سۇيۇق كېلىدۇ. كۈندىكى تەرەت قېتىم سانى 6 قېتىمدىن كۆپ بولىدۇ ۋە بەزىدە زاكىسىدىن تېشىپ دۈمبىسىگە قەدەر چىقىپ كېتىدۇ. قۇسۇش بولسا بوۋاقنىڭ ئەمگەن سۈتنى ياكى يىگەن تامىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىڭدۈرەلمەي قايتا سىرتقا ئېتىپ چىقىرىشىدۇر.

ئەگەر بوۋاق بالىلاردا قۇسۇش ۋەيا ئىچى سۈرۈش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ھوشيار بولۇش كېرەك:

  1. بوۋاقنىڭ ئېغىزى ۋە تىلى قۇرۇپ كېتىش.
  2. كۆز چاناقلىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش.
  3. تەرەتتە قان ياكى يىرىڭ بولۇش.
  4. يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلۈش.
  5. سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش (6 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا زاكا نەم بولماسلىق).

 

ئائىلىدە داۋالاش ۋە كۈتۈش ئۇسۇللىرى

بوۋاقلار ئىچ سۈرگەندە ياكى قۇسقاندا ئەڭ مۇھىم بولغىنى بەدەندىن يوقالغان سۇ ۋە تۇزنى تولۇقلاشتۇر. ئەگەر بوۋاق ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بولسا، ئېمىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ماددىلار بوۋاقنىڭ ئۈچەي يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

قوشۇمچە تاماق يېيىش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارغا گۈرۈچ شورپىسى، بانان، قېتىق… ئوخشاش ئۈچەي روللىرىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى بەرسە بولىدۇ. لېكىن، تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغان مېۋە سۈيى ياكى تاتلىق ئىچىملىكلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى شېكەر ئىچ سۈرۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

 

سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئەگەر قۇسۇش ۋە ئىچ سۈرۈش توختىمىسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن «ئىچىش ئېغىز سۇيۇقلۇقى» (ORS) ئىشلىتىش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ سۇيۇقلۇق بوۋاقنىڭ بەدىنىگە كېرەكلىك ئېلېكترولىتلارنى تولۇقلايدۇ. سۇنى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ بەرمەي، قوشۇق بىلەن ئاز-ئازدىن، پات-پات بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاشقازاننىڭ سۇنى قوبۇل قىلىشى ئاسان بولىدۇ ۋە قايتا قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

قاچان دوختۇرغا بېرىش كېرەك؟

نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بوۋاقلارنىڭ ئىچ سۈرۈشى بىر قانچە كۈندە ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەمما بوۋاقنىڭ ئەھۋالىدا جىددىي ناچارلىشىش كۆرۈلسە، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش تولىمۇ مۇھىم. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بوۋاقلارغا ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدىغان كۈچلۈك دورىلارنى بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇپ، ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، كېچىكتۈرمەي كەسپىي تېببىي ياردەم تەلەپ قىلىڭ:

  • روھىي ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشى:بوۋاقنىڭ روھىي ھالىتى ناچارلىشىپ، ھالسىزلىنىپ يېتىپلا قالسا.
  • ئاغرىق ۋە بىئاراملىق:توختىماي يىغلىسا ياكى قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقى بىلىنسە.
  • يۇقىرى قىزىتما:قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتسە ۋە ئاسانلىقچە چۈشمىسە.
  • ئىچ سۈرۈش قېتىم سانى ۋە قان : بىر كۈن ئىچىدە ئىچ سۈرۈش قېتىم سانى 6 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە ياكى تەرەتنىڭ سۈپىتى تېز ناچارلاشسا، چوڭ تەرەتتە ۋەيا زاكىدا قان كۆرۈلگەندە.
  • توختىماي قۇسۇش:24 سائەت ئىچىدە قۇسۇش توختىمىسا ۋە بوۋاق ھېچقانداق سۇيۇقلۇق قوبۇل قىلالمىسا.
  • سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى:سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ كەتسە، كۆز چاناقلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتسە ياكى ئېغىزى قۇرۇپ كەتسە.

 

تازىلىق ۋە ئالدىنى ئېلىش

يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشتۇر. بوۋاقنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش، سۈت بوتۇلكىلىرىنى دائىم قاينىتىپ مىكروبسىزلاندۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا، ۋاقتى كەلگەندە رۇتا ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىلارنى ئەملەتكۈزۈش بوۋاقنى ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

بوۋاقلاردىكى ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار سۇ تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، بوۋاقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا كەسپىي تېببىي ياردەمگە تايىنىشى شەرت. ساغلام كۈتۈش ۋە توغرا ئوزۇقلاندۇرۇش بوۋاقنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىدىكى ئاچقۇچتۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-13 / 06:20:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ