ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىجىم تۇرالماسلىق كېسىلى بەزى سەۋەبلىرى

جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بەزى سەۋەبلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىقكېسىلى كۆپ خىل ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئورتاق كېسەللىك ياكى تۇرمۇش ھالىتى فاكتورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مەسىلەن ، زىيادە سەزگۈرلۈك ، قان ئازلىق ياكى سېروتونىن بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، بۇ فاكتورلار يېمەك-ئىچمەكنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياخشىلىنىشى مۇمكىن.

جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بەزى سەۋەبلىرى

«مەركىزىي تەتقىقات يۇرتى» بىئومېدىتسىنا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەن ۋېنخەن باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ كىلىنىكىدا تۆت خەۋپ ئامىلى بارلىقىنى بايقىغان، بۇ قان ئازلىق ، سېروتونىن بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، دانچە ھۈجەيرىلەر ۋە ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى ئىككىسى زىيادە سەزگۈرلۈك ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىلدىن ئارتۇق زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى رېئاكسىيە قىلمىغان بالىلارنىڭ ئىككى-ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن؛ يۇقىرىقى تۆت خەۋپ ئامىلى بىنورمال بولغانلارنىڭ جىم تۇرالماسلىقكېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالتىدىن يەتتە ھەسسىگىچە بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن ، ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر كۆكتات ، مېۋە-چېۋە ، ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ؛ ئەمما ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولمىغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ ، بولۇپمۇ قەنت تەركىبى يۇقىرى ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىكەن.

پەن ۋېنخەن جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بالىنىڭ زىيادە سېزىمچان بەدەن سۈپىتى ۋە قان ئازلىق مەسىلىسى بار-يوقلۇقىنى بىلىپ، ئۇلارغا بۇ ئورتاق كېسەللىككە ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە تېببىي بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش تەكلىپىنى بەردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ھەمدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، مېغىزلىق مېۋە ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەتقىقاتقاجىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 216 بالا ۋە ئۇلارنىڭ جىنسى، يېشى، بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق شارائىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان . بۇ كوللېكتىپ ئىككى پارچە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر 7- ئايدا « ئىلىم-پەن دوكلاتى » ژۇرنىلى ۋە بۇ يىل 5-ئايدا « كلىنىكىلىق مېدىتسىنا ژۇرنىلى » غا بېسىلغان.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-19 / 09:11:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ