يەككە گېندىن كەلگەن ئۆپكە ئۆزىكى (Lung-on-a-Chip) مودېلى ۋە ئۇنىڭ سىل كېسىلىنى خاسلاشتۇرۇپ داۋالاشتىكى ئەھمىيىتى
پەن-تېخنىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېببىي تەتقىقات ساھەسىدە يەنە بىر زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئەنگلىيە فېرانتىس كىرىك ئىنستىتۇتى (Francis Crick Institute) بىلەن شىۋىتسارىيەنىڭ AlveoliX بىئوتېخنىكا شىركىتى ھەمكارلىشىپ، دۇنيادىكى تۇنجى يەككە گېن ئارقىلىق كەلگەن ھەم ئادەم بەدىنىگە تەقلىد قىلىنغان «ئۆپكە ئۆزىكى» مودېلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يېڭى تېخنىكا كەلگۈسىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى خاسلاشتۇرۇپ داۋالاش ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭى بىر سۇپا يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى بولغان «Science Advances» (ئىلىم-پەن تەرەققىياتى) ژۇرنىلىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ( lung alveola ) ئادەم بەدىنىدىكى گاز ئالمىشىشنىڭ مۇھىم مەركىزى بولۇپلا قالماي، يەنە سىرتقى مۇھىتتىن كىرىدىغان ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەرگە قارشى تۇرىدىغان بىرىنچى مۇداپىئە سېپىدۇر. ئالىملار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەجرىبىخانىدا ئادەم ھۈجەيرىسى بىلەن كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى «جەڭ»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىدى. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئىشلىتىلگەن ئۆپكە ئۆزەكلىرى كۆپىنچە ئوخشىمىغان گېن مەنبەلەردىن كەلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، يەككە كىشىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە تولۇق ۋەكىللىك قىلالمايتتى.
يېڭى ئۆپكە ئۆزىكىنىڭ تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى
بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىرلا يەككە تەقدىم قىلغۇچىنىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ، پۈتكۈل ئۆزەك سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ جەريان تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- ھۈجەيرە پەرقلەندۈرۈش: ئادەم يتەلدۈرۈلگەن كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرىسىدىن (iPSCs) پايدىلىنىپ، 1-تىپلىق ۋە 2-تىپلىق ئۆپكە پۈۋەكچە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى ھەمدە قان تومۇر ئىچكى پەردە ھۈجەيرىسىگە ئايرىلغان.
- قۇرۇلما تۇرغۇزۇش: بۇ ھۈجەيرىلەر AlveoliX شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىنتايىن نېپىز پەردىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۆپكە كۆپۈكچە توسىقى قايتا قۇرۇپ چىقىلغان.
- ھەرىكەتلىك تەقلىد قىلىش: مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۆزەككە رېتىملىق ئۈچ ئۆلچەملىك سوزۇلۇش كۈچى بېرىلىپ، ئادەمنىڭ نەپەسلىنىش ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىنغان.
سىل كېسىلى يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىنى تەقلىد قىلىش
تەتقىقاتچىلار يەنە شۇ بىرلا كىشىنىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن ماكروفاژلارنى (يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنى) ئۆزەككە قوشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن، سىل تاياقچە باكتېرىيەسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كېسەللىك يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى جەريانىنى كۆزەتكەن. تەجرىبە نەتىجىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن: يۇقۇملىنىشتىن كېيىن ئۆزەك ئىچىدە زور كۆلەملىك ماكروفاژلار توپلىنىپ، مەركىزىدە «ئۆلۈك يادرۇ» شەكىللەنگەن.
يۇقۇملىنىش بەش كۈنگە بارغاندا، ئۆپكە پۈۋەكچە ئېپىتېلىيە ۋە ئىچكى پەردە توسىقلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىش جەريانى جانلىق تەسۋىرلەنگەن. بۇ خىل جەرياننى ئادەتتە ئادەم بەدىنىدە كۆزىتىش ئىنتايىن قىيىن، چۈنكى سىل كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىشتىن ئالامەت كۆرۈلگۈچە بولغان جەريانى ئادەتتە بىر نەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ.
بۇ يېڭى ئۆپكە ئۆزىكى مودېلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، تېببىي تەتقىقاتچىلارنىڭ كېسەللىك جەريانىنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېز كۆزىتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ سىل كېسىلىگە ئوخشاش سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا، يەككە بىمارنىڭ گېن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىلارنى تاللاش ۋە سىناق قىلىشقا زور قولايلىق يارىتىدۇ.
بۇ تېخنىكا «ئەزا ئۆزىكى» (Organ-on-a-chip) ساھەسىدىكى مۇھىم بىر ئابىدە بولۇپ، ئۇ پەقەت تەجرىبىخانا قورالىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئىدراك ۋە بىئوتېخنىكا بىرلەشتۈرۈلگەن خاسلاشتۇرۇلغان تېبابەتنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ.


