ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىتۇلەن ئۇنىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مېڭە HIV ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىشتىكى نەتىجىلىرى

تۇلەن ئۇنىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مېڭە HIV ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىشتىكى نەتىجىلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

HIV يۇقۇملانغۇچىلار نۆۋەتتە ۋىرۇسنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى دورا ئىچىشى كېرەك، لېكىن بەدەندىكى HIV ۋىرۇسىنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتالمايدىكەن، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىگە يوشۇرۇنغان ۋىرۇسنى ئەڭ تەس، بۇنىڭ سەۋەبى قان-مېڭە پەردىسى توسىقىدىن بىخەتەر ئۆتۈپ ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلىگەن دورىلار ئىنتايىن ئاز. شۇڭا مېڭىگە ئوخشاش يوشۇرۇن ۋىرۇس ئامبىرى بولۇش سەۋەبلىك، ھازىر بار بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشنى، كۆپىيىشىنى تۈپتىن ساقايتقىلى بولمايۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى.

تۇلەن ئۇنىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مېڭە HIV ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىشتىكى نەتىجىلىرى

يېقىندا تۇلەن ئۇنىۋېسىتىتىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭى بىر دورا چوڭ مېڭىدىكى HIV ۋىرۇسىنى تازىلاش يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ تەتقىقاتقا تۇلەن دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتور Woong – Ki Kim رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە راك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن كىچىك مولېكۇلىلىق تورمۇزلىغۇچى دورا BLZ945 نى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق SIV ( HIV مايمۇن نۇسخىسى ) نىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بۇ خىل دورا مېڭە قان توسۇقىدىن ئۆتۈپ، چوڭ مېڭىدىكى HIV ۋىرۇس ھۈجەيرىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، يوشۇرۇن ۋىرۇس ئامبىرىنى تازىلايدىكەن. دەسلەپكى تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل دورا ھايۋانات مودېلىدا ئۈنۈملۈك ھەم بىخەتەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بايقاش HIV يۇقۇملانغۇچىلارنى يېڭى داۋالاشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى ،كەلگۈسىدە ئەيدىز يۇقۇملىنىشنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشتىن يول كۆرسىتىشى مۇمكىن.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل يېڭى دورا نانومېتىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، دورا مولېكۇلىلىرىنى نانومېتىر دانچىلىرىغا ئوراپ، ئۇنى مېڭە قان توسۇقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ، HIV ۋىرۇس ھۈجەيرىسىگە نىشانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ،بۇ خىل دورا چوڭ مېڭىدىكى HIV ۋىرۇسىنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپلا قالماي ،يەنە ۋىرۇسنىڭ قايتا تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ خىل داۋالاشنى قوبۇل قىلغان چاشقاننىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئىپادىسىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى بايقىغان، بۇ دورىنىڭ ۋىرۇسنى تازىلاپلا قالماي، يەنە زىيانغا ئۇچرىغان نېرۋا سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بۇ تەتقىقاتنىڭ كېيىنكى قەدىمى ئادەم بەدىنىدە كېلىنكىلىق تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل دورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئىسپاتلاش. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ،بۇ HIV داۋالاش تارىخىدىكى بىر زور بۆسۈش بولۇپ، نەچچە مىليون HIV يۇقۇملانغۇچىغا يېڭى ئۈمىد ۋە داۋالاش تاللىشى ئېلىپ كېلىدۇ. تەتقىقات ئۆمىكى يەنە دورا رېتسىپى ۋە دورا بېرىش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى ۋە بىمارلارنىڭ بېقىنىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىماقتا.

مەنبە:
New drugs show promise in clearing HIV from the brain

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-30 / 09:16:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ