تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تىل تەمنى تېتىش، ئاۋاز چىقىرىشقا ياردەم بېرىش، يېمەكلىكلەرنى يۇتۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە چوڭ مېڭىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەزاسى بولۇپ، تىل نېرۋىسى چوڭ مېڭىگە تۇتىشىدۇ، ئادەم بەدىنىدە قېرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش تىلنىڭ جانلىق بولماسلىقىدا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن تىلنى چېنىقتۇرغاندا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ
ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن بايقىلىشىچە، تىل ئۈچ ئاچا نېرۋا، يۈز نېرۋا، تىل نېرۋىسى، ئاداشقان نېرۋا ۋە تىل تۆۋەنكى نېرۋىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن.
ئادەم بەدىنى قېرىغاندا، مېڭە توقۇلمىلىرى تەدرىجىي يىگىلەپ، قېرىشنىڭ تاشقى ئىپادىسى تىل ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى، كېسەللىك ئاسارىتى روشەن بولۇپ، دائىم يۇتۇش ئىقتىدارى ۋە تىل ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
شۇڭا، تىل مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ تاشقى ئىپادىسى، ئەكسىچە، تىلنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
جۇڭيى تېبابىتى ئىدىيەسىدە، ئىچكى ئەزالار جىڭلو، جىڭپەي ۋە تىل ئارقىلىق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆز-ئارا باغلىنىدۇ.
تىل تېنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىل يىلتىزى بۆرەكنى ئاساس قىلىدۇ، ھاياتلىق ئىشىكى ۋە چوڭ ئۈچەينى ئاساس قىلىدۇ، تىلنىڭ سول تەرىپى ئاساسىي ئاشقازان، ئوڭ تەرىپى ئاساسىي تىل بولۇپ، تىل ئالدى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسى ئۆپكە تۈگۈنىگە تەۋە بولىدۇ، تىل تەرىپى جىگەر تۈگۈنىگە جايلاشقان بولىدۇ، ئوڭ تەرىپى تال ئاساسىي تۈگۈنىگە تەۋە بولىدۇ.
تىل تەنچىسىنىڭ ھەرقايسى ئىچكى ئەزالار بىلەن مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق دەرىجىسى ئېغىر-يېنىك دەپ ئايرىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە يۈرەك تىلغا كىرىپ، يۈرەك بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن، دەپ قارىلىدۇ.
تىلنى كونكرېت قانداق چېنىقتۇرۇش كېرەك
تىل گىمناستىكىسى تىل ھەرىكىتىنى داۋالاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر خىل سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىدۇر. دائىم تىل مەشىقى قىلغاندا، تىل ئۇيۇشۇش ۋە تىل تەنچىسىنىڭ جانلىق بولماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار.
تىل ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، مېڭە غولى تورىنى جانلاندۇرۇپ، مېڭىنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
يۈرەك غول قېنى بىلەن ئۈستۈنكى مېڭىنى تەمىنلەش، تىل گىمناستىكىسى ئويناش ئارقىلىق يۈرەك، مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدۇ.
جىنجېن، يۈيې ئىككى پەللىنى غىدىقلاش ئارقىلىق، خىلىتلىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىشىنى كۆپەيتىپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ
ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئەينەككە قاراپ، ئېغىز ئېچىپ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلىسە بولىدۇ :
كېڭىيىش-تارىيىش ھەرىكىتى
تىلنى ئاستا-ئاستا ئالدىغا چىقىرىپ، تىل يىلتىزىدا سوزۇلۇش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن ئاستا-ئاستا تولغىنىپ، ئېغىزىنى يۇمۇپ، 10 قېتىم تەكرارلايدۇ.
ئايلىنىش ھەرىكىتى
تىلنى ئېغىز بوشلۇقى ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئەڭ چوڭ دائىرە بويىچە سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە 10 قېتىم، ئاندىن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە 10 قېتىم، ئەڭ ئاخىرىدا تىلنى ئېغىز سىرتىدا ئوڭ-سولغا بەش قېتىم ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.
چىش يالاش ھەرىكىتى
تىل ئۇچى ئۈستۈنكى ئېڭەكنىڭ ئىچكى تەرىپىگە 10 سېكۇنت، ئاندىن ئۈستۈنكى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە 10 سېكۇنت، ئاستىنقى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە 10 سېكۇنت، ئاستىنقى چىشنىڭ ئىچكى تەرىپىگە 10 سېكۇنت يېتىدۇ.
تىل چىشلەش ھەرىكىتى
تىلىنى ئامال بار چىقىرىپ، ئاندىن تىل يىلتىزىدىن باشلاپ، ئاستى-ئۈستى چىش بىلەن تىل تېنىنى تاكى تىل ئۇچىغىچە يېنىك چىشلەپ، بەش قېتىم تەكرارلايمىز.
تىل قىرىش ھەرىكىتى
تىلىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چىقىرىپ، ئاندىن تىل يىلتىزىدىن باشلاپ تاكى تىل ئۇچىغىچە چىقىرىپ، چىش بىلەن تىل گەۋدىسىنى يېنىك قىرىپ بەش قېتىم تەكرارلاش كېرەك.
مەنجىن ھەرىكىتى
يۇقىرىقى مەشىقلەردە، سۇيۇقلۇق ئاشقازانغا لىق تولغاندا، ئاستا-ئاستا يۇتۇۋېتىشكە بولىدۇ.
تىل مەشىقى قىلغاندا يەنە بارماقنى ئۇۋۇلاشقا ماسلاشتۇرۇپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوڭ قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى، ئوتتۇرا بارمىقى ۋە نامسىز بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سول قۇلاقنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىن يۇتقۇنچاققىچە بولغان يۇقىرى-تۆۋەن تەرىپىنى 30 قېتىم ئۇۋۇلاش، ئوخشاشلا ئوڭ قۇلاقنىڭ ئاستىنىمۇ 30 قېتىم ئۇۋۇلاش كېرەك.
چوڭ مېڭىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى «قاشاڭلىشىش» سىگنالىنى پەرقلەندۈرش
چوڭ مېڭىنى دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ئۈسكۈنە دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئوخشاشلا نورمال خوراش ۋە قېرىشنى توسۇشقا ئامالسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى چوڭ مېڭىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كونكرېت بەش رايونغا بۆلۈنىدۇ :
تىل، ھەرىكەت، كەيپىيات، بىلىشكە مەسئۇل پېشانە بۆلىكى؛
ئاڭلاش سېزىمى، ئەستە تۇتۇش سېزىمى، پۇراش سېزىمىنى كونترول قىلىدىغان چېكە بۆلىكى؛
كۆرۈش سېزىمىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان گەجگە ياپراقچىسى؛
تېگىش سېزىمى، ھېسابلاش، بوشلۇقتىكى ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك سەزگۈ بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوققا ياپراقچە؛
ئىچكى ئەزالار سېزىمى، ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئارال يوپۇرمىقى.
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىدا قېرىش كۆرۈلگەندە، كېلىپ چىقىدىغان «قاشاڭلىشىش» مۇ پەرقلىق بولىدۇ.
دەيدىغان گېپىنى دېيەلمەسلىك
پېشانە بۆلىكى چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىدىكى ئەڭ سەزگۈر رايون بولۇپ، تىل ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ سۆزلەش راۋان بولماسلىق، تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، يېزىقنى چۈشىنەلمەسلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
پېشانە بۆلىكىنىڭ قېرىشى يەنە مىجەز – خاراكتېرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ياكى سەۋەبسىز كەيپىياتنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش، قوپاللىق، گۇمانخورلۇق، زىيانكەشلىككە ئۇچراش خام خىيالى قاتارلىقلار.
ئىشلارنى ئېسىگە ئالالماسلىق
چېكە بۆلىكىنىڭ قېرىشى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، گاسلىق، قۇلاق غوڭۇلداش، ھەتتا خىيالىي ئاڭلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، يەنە ئادەم كۆز ئالدىدىكى ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى ئەسلىيەلمەيدۇ، قىسقا مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇمۇ چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سىگنالى.
تۇرمۇش بىلەن «ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش»
گەجگە ياپراقچىسىنىڭ قېرىشى دائىم كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، نەرسىلەر غۇۋالىشىش، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلۈك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر چوققا ياپراقچىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق جىسىملار ئارىسىدىكى بوشلۇق مۇناسىۋىتىگە توغرا ھۆكۈم قىلالمايدۇ، مەسىلەن، ئۆزئارا ئورۇن، ئارىلىق.
بەدەندە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يوق
ئارال يوپۇرمىقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھەرىكىتىنىڭ نېرۋا ئاساسى بولۇپ، قېرىغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغاندا پۇت – قوللارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، مەسىلەن، ھەرىكىتى ئاستا بولۇش، يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، مېڭىشى قىيىن بولۇش، پۇت – قوللارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناچار بولۇش قاتارلىقلار ياكى پاركىنسون كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ.
فۇدەن داشۆسى قارمىقىدىكى خۇئاشەن دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يۈ جىنتەي مۇنداق دېدى:چوڭ مېڭىنىڭ يۇقىرىقى قېرىش ئالامەتلىرى كۆپ ھاللاردا ئالاھىدە بولمايدۇ، مەسىلەن، پېشانە بۆلىكى، ئارال بۆلىكىنىڭ قېرىشى كەيپىيات، ھەرىكەت جەھەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.
بىنورماللىق كۆرۈلگەندە بالدۇر دوختۇرغا كۆرۈنۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەسىلەن، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش ۋە بىئوخىمىيەلىك تەكشۈرۈش، نېرۋا پىسخىكىلىق باھالاش، باش ماگنىتلىق رېزونانس قاتارلىقلار، دەسلەپكى قەدەمدە چوڭ مېڭىنىڭ نورمال قېرىشى ياكى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك.


