ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەرسەككىز 8 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

سەككىز 8 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ فىلىمدە بىز 8 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز. سىزنىڭ بوۋىقىڭىزغا ياكى ئەتراپتىكى دوستلىرىڭىزنىڭ بوۋاقلىرىغا قانداق تەۋسىيەلەر لازىملىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، قېنى دېققىتىڭىز فىلىمىمىزدە بولسۇن.

 

8 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

8 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى:  42.2 – 47  سانتىمېتىر

بوي ئۇزۇنلۇقى:  66.5 – 76.2 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى:  7000 – 10500 گىرام

 

8 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

8 ئايلىق بوۋاقلار نورمالدا ئانا سۈتىدىن ھەم قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئوزۇقلۇق ئالىدۇ. باش ئايلانمىسى، بوي ئۇزۇنلۇقى، بەدەن ئېغىرلىقلىرى ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بۇ بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ يېتەرلىك بولغان بولمىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. بۇ ئايدىكى بوۋاقلار 13-15 سائەتكىچە ئۇيقۇسى بولىدۇ. كىچە ئۇيقۇسىدىن سىرت يەنە چۈشتىن بۇرۇن ھەم چۈشتىن كېيىنلىك ئۇيقۇسى بولىدۇ.  بۇ ئىككى ۋاقىتتى ئۇيقۇ 20 مىنوتتىن-80 مىنوت ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.

بوي، باش ئايلانمىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىشى بۇرۇنغا قارىغاندا بىراز ئاستىلايدۇ. بوۋاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى ئىختىيارسىز ھەرىكەتلىرى يوقاپ، ئۇنىڭ يېرىغا ئۆز ئىختىيار ھەرىكەتلىرى كۆپىيىدۇ. ئويۇنچۇق، سۈت پوتۇلكىسىنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ تەلىپىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئالدىدىكى ئويۇنچۇقنى تىقىۋالغاندا ئىزدەپ باقىدۇ. ناتونۇشلارنى كۆرگەندە ئېنىق پەرق قىلغىچە تىكىلىپ قارايدۇ، ناتونۇش ئىكەنلكىنى ھىس قىلغاندا قورقۇپ يىغلىيالايدۇ ۋەيا بېشىنى قاچۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بارماقچى بولغان تەرەپكە ئاستا ئاستا ئۆمىلەپ بارالايدىغان بولىدۇ. قولىدىكى ئويۇنچۇقنى ئۆز خائىشى بىلەن يەرگە قويالايدۇ.

 

8 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. بۇ ئايدا ۋاكسىنىسى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ خاتىرە قالدۇرۇڭ.
  2. بوۋاقنىڭ يىتەرلىك ئۇيقۇسىغا ۋە سۇ تولۇقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. 2-3 سائەتتە ئەمدۈرسىڭىز بولىدۇ، ياكى ئارىلاپ ئارىلاپ سۇ بېرىپ تۇرۇڭ. زاكىسى ئارقىلىق كىچىك تەرەت چىقىرىش مىقتارى ۋە چوڭ تەرەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.
  3. بوۋاقنىڭ تاماقلىرىغا دورا دەرمەكلەرنى قويماڭ، تاماقنىڭ تەمى بەك ئېغىر بولۇپ كەتمىسۇن، تۇزنىمۇ كۆپ سالماڭ.
  4. ئاندا ئاندا بوۋاقنى دۈمچىلەپ ياتقۇزۇپ دۈمبىسىنى يېنىك تۇتۇپ بېرىڭ، ئومۇرتقىنىڭ ئوتتۇرى ھەم ئىككى تەرىپىنى بويلاپ تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ مىجىپ بېرىڭ.
  5. بوۋاقنىڭ قۇچىقىڭىزغا ئېلىپ كۈلدۈردۈپ تۇرۇڭ، ئاۋازىڭىزنى مۇڭلۇق قىلىپ كىتاپ ئوقۇپ بېرىڭ، مۇڭلۇق ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى قويۇپ بېرىڭ.
  6. بوۋاقنىڭ باش-بويۇن، قول، پۇت، بارماق، بەدەن ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، ھەركۈنلۈك تاماقلىرىنىڭ ھەم مىۋىلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان بولۇشىغا تىرىشىڭ (ھىچ بولمىسا رەڭگى ئوخشاش بولمىسۇن.)
  7. ئۆي ئىچىدىكى كىچىك بويۇملارنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بولمىسا ئۆرۈلۈپ بېرىپ ياكى ئۆمىلەپ بېرىپ، ئېلىپ ئاغزىغا سېلىۋېلىشى مۇمكىن.
  8. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:50:51

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ