ICD كودى ( خەلقارا كېسەللىكلەرنى تۈرگە ئايرىش كودى ) پۈتۈن دۇنيادا ئۆلچەملەشكەن ۋە بىرلىككە كېلىنگەن داۋالاشنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى بولۇپ، مېدىتسىنا ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ICD كودىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( WHO ) تۈزۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىك، كېسەللىك ئالامىتى، كېسەللىك سەۋەبى ۋە باشقا ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بېكىتىلگەن كود ئارقىلىق ئېنىقلاش ۋە خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ICD نىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى «International Classification of Diseases» بولۇپ، نورمالدا قىسقارتىلىپ ICD دەپ قوللىنىدۇ. ئۇ بىر خىل ئاددىي كودلاشتۇرۇش سىستېمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىشىدىكى مۇھىم قورال.
ICD كودىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى
ICD كودنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن 19 – ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ . بىرىنجى نۇسخىسىنى فىرانسىيەلىك ئىستاتىستىكىشۇناس ۋىليام فار ( William Farr ) ئوتتۇرىغا قويغان. 1893 – يىلى فىرانسىيەلىك دوختۇر ياكوس بېرتىللون ( Jacques Bertillon ) تۇنجى سىستېمىلىق تۈرگە ئايرىش سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1948 – يىلى بۇ سىستېمىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ ۋە يېڭىلاپ، ICD 6 نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ،ICD كودى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ ۋە يېڭىلىنىپ كەلگەن بولۇپ ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى ICD – 11 نۇسخىسى چىقتى ۋە 2022 – يىلى رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ICD كودنىڭ نۇسخىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ۋە تولۇقلىنىپ ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ICD كودنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىلىشى
1. بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى خاتىرىلەش.
ICD كودى بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى خاتىرىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. دوختۇر ۋە سېسترالار بۇ كودلار ئارقىلىق ، بىمارنىڭ دىياگنوز ئۇچۇرلىرىنى ئىخچام ۋە مېغىزلىق خاتىرىلەپ، داۋالاش كوللېكتىپىنىڭ بىمارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى تېز سۈرەتتە چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
2. داۋالاش ستاتىستىكىسى ۋە تەتقىقاتى
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ICD كودى ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكىلاپ ۋە تەھلىل قىلىپ ،شۇ ئارقىلىق ئاممىۋى سەھىيە سىياسىتىنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ICD كودى مەلۇم بىر خىل كېسەللىكنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم سانلىق مەلۇمات مەنبەسى بولۇپلا قالماستىن، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ ئۇل تېشىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.
3. سۇغۇرتا تۆلىمى
داۋالاش سۇغۇرتا شىركىتى ICD كودى ئارقىلىق بىمارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ھۆكۈم قىلىپ ، تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىدۇ. بۇ خىل ئۆلچەملەشكەن كودلاشتۇرۇش سىستېمىسى سۇغۇرتا شىركىتىنى تۆلەم ئىلتىماسىنى تېخىمۇ ئاسان بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، زۆرۈر بولمىغان تالاش – تارتىشلارنى ئازايتىدۇ. كۆپىنچە دۆلەتلەردە سۇغۇرتا تۆلەم ئىشلىرىدا، ICD كودىنى توغرا بېكىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك داۋالاشلارنىڭ تۆلەم ئىشلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان ICD كودى ئۆرنەكلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار.
ICD كودى ئادەتتە ھەرپ ۋە رەقەم بىرىكمىسى شەكلىدە پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈست نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكىنىڭ كودى J06 بولۇپ، مەلۇم بىر كىشى بۇ كېسەللىك بولغاندا، تىببىي خادىملار مەزكۇر بىمارنىڭ كېسەللىك ئارخىپىغا J06 كودىنى يېزىپ قويىدۇ. ئەگەر بۇ بىمارغا مۇشۇ ۋاقىتتا مەلۇم دورا يېزىلغان بولسا، دورىخانىدا بۇ بىمارنىڭ ICD كودىغا قاراپ، بۇ دورىنى بېرىش بەرمەسلىكىنى قارار بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سۇغۇرتا شېركىتىمۇ دورىنى ئاتچوت قىلىش ئۈچۈن، ICD كودىنىڭ توغرا قويۇلغان قويۇلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر دورا يېزىلغاندا، ئۇيغۇن بولمىغان بىر كېسەللىكنىڭ ICD كودىنى قويغان بولسا، دورىگەر بەرمەسلىكى ۋەيا سۇغۇرتا شېركىتى ئاتچوت قىلمايدۇ. شۇڭا دوختۇرلار بىمارغا ICD كودىنى قويغاندا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ تۇرۇپ قويىدۇ.
ICD-10 ۋە ICD-11 نىڭ پەرقى
نۆۋەتتە، ICD-10 پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان نۇسخىسى بولۇپ، شەخسەن تۈركىيە ھازىرچە ICD 10 كودىنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن ICD-11 نۇسخىسىمۇ تەدرىجىي ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. ICD كودى 11.نۇسخىسى 10. نۇسخىسىغا قارىغاندا نۇرغۇن ياخشىلىنىش ۋە يېڭىلىنىش بار بولۇپ، جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى كېسەللىكلەرنى تۈرگە ئايرىش تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان. مەسىلەن، ICD-11 تېخىمۇ كۆپ روھىي ساغلاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك كودىنى كىرگۈزگەن، يەنە ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى تۈرگە ئايرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ICD-11 نىڭ كىرگۈزۈلۈشى دۇنيا مىقياسىدا، داۋالاش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنىڭ تېخىمۇ توغرىلىقىغا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.