ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گەرچە ھازىرقى زامان تېببىي تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولسىمۇ، ئىلگىرى پۈتۈنلەي يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدىغان نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقان بولسىمۇ، لېكىن دوختۇر بىلەن مېدىتسىنا يەنىلا ھەممىگە قادىر ئەمەس، ھازىر يەنىلا نۇرغۇن كېسەللەرنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن خانىۋەيران بولسىمۇ ئامالسىز قالىمىز، ئاخىرىدا پەقەت دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتەلەيمىز خالاس.
تۆۋەندە كۆپچىلىككە كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەمما يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدىغان ئۈچ خىل كېسەللىكنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
1. يۇقىرى قان بېسىم
يۇقىرى قان بېسىم ئادەتتە بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمنى ۋاقتىنچە يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. كۆپ قىسىم يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمغا تەۋە بولۇپ، نۆۋەتتە تېخى كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئىرسىيەت، رايون پەرقى، كەسىپ، يېمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كىلىنىكىدا يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشتا دورا ۋە دورىسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قان بېسىمنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. دورا ئارقىلىق داۋالاشتا ئاساسلىقى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ، يەنە كېلىپ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇخىل دورىلارنى ئۆمۈر بويى ئىچىشىگە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئارىلىقتا دورا ئىچىشنى توختاتسا قان بېسىمى قايتا ئۆرلەپ، ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دورىسىز داۋالاش ئۇسۇلى بولسا ئادەتتە ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىنى كونترول قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
2. زىققا كېسىلى
زىققا دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ھەر 20 ئادەمنىڭ بىرسىدە زىققە كېسىلى بولۇشى مۇمكىنكەن. زىققا كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىرسىيەت ئامىلىمۇ، مۇھىت ئامىلىمۇ بار بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى ھاسىراش، تەكرار قوزغىلىشچان يۆتەل، دېمى سىقىلىش ياكى نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلار بولۇپ، زىققا ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا ھاياتىغىمۇ خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. گەرچە ھازىرقى تېببىي داۋالاش تېخنىكىسى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى شارائىتتا زىققا كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ.
3. قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغى
قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغى دائىم كۆرۈلىدىغان رېماتىزم كېسىلى بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۆلمەيدىغان راك كېسىلى» دېگەن قۇرقۇنۇشلۇق ئاتىلىشىمۇ بار، كېسەللىك قوزغىلىش مېخانىزمى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس، ئادەتتە 10-40 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىقى ئەرلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئىرسىيەتتىن باشقا، مۇھىت، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئاساسلىقى ئومۇرتقا بوغۇمى ۋە سىرتقى ئەتراپ بوغۇملىرىدا كۆرۈلىدۇ، كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەل ئاغرىش، بەل قېتىۋېلىش، زورۇقۇش، تىز ياكى ئوشۇق قاتارلىق بوغۇملار ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋە بوغۇملاردا غەيرىيلىك كۆرۈلىدۇ، ھەتتا پالەچ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغىنى ئۇزاق مۇددەت داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، ھازىرچە تۈپتىن ساقايتقىلى بولىدىغان ئامال يوق. نۆۋەتتە قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئاساسلىقى دورا بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ ھەمدە قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17939496.shtml