تېز سۈرئەتتە نەپەس ئېلىش ( سۈمۈرۈش ) دېگىنىمىز، نەپەس ئېلىش چاستوتىسىنىڭ تېزلىشىشىنى، يەنى مىنۇتىغا نەپەسلىنىش قېتىم سانىنىڭ نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرچە: ئىتتىك نەپەسلىنىش
ئىنگىلىزچە: quicken breathing
خەنزۇچە: 呼吸急促
تۈركچە: Nefes hızlanmak
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېز نەپەس ئېلىشنى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن:
1. نەپەس يولى يۇقۇملىنىش:مەسىلەن:زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش ياكى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش، نەپەس يولى ياللۇغى ۋە قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەسلىنىش مەركىزىنى غىدىقلاپ، تېز سۈرەتتە نەپەس ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. كانايچە زىققىسى:بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بىماردا دائىم نەپەس قىيىنلىشىش، ھاسىراش ۋە يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نەپەس چاستوتىسى تېزلىشىش ئۇنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئىپادىلىرىنىڭ بىرى.
3. ئۆپكە كېسەللىكلىرى:مەسىلەن:ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە كەپلەشمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۆپكىگە قان تولۇش ۋە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەسلىنىش مەركىزىنى غىدىقلاپ، تېز سۈرەتتە سۈمۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى:مەسىلەن:يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللەردە يۈرەك پومپىسىنىڭ قان ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەي، نەپەسلىنىش مەركىزىنى غىدىقلاپ، تېز سۈرەتتە نەپەسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. مېتابولىزملىق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش:بەدەندە كىسلاتالىق ماددىلار زىيادە كۆپ جۇغلانغاندا، قاننىڭ pH قىممىتى تۆۋەنلەپ، سۈمۈرۈش مەركىزىنى غىدىقلاپ، تېز سۈرەتتە نەپەسلىنىش كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدىنى چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. باشقا سەۋەبلەر:تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش، قورقۇش قاتارلىق كەيپىيات ھالىتىمۇ تېز نەپەسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تېز سۈرئەتتە نەپەسلىنىشنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشتا، ئالدى بىلەن كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سوراش ۋە بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇمكىن بولغان كېسەللىك سەۋەبىنى بېكىتىش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. قان گازىنى ئانالىز قىلىش:ئارتېرىيە قېنىدىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى ۋە كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد مىقدارىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ياكى ئىشقاردىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار – يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
2. تەسۋىرلەش تېخنىكىلىرى: رېنتىگېن تارتىش، س ت تارتىش ئارقىلىق ئۆپكىدە بىرەر كېسەللىك بار يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرۈش لازىم
2. ئېلېكترو كاردىئوگرامما ( شىنديەنتۇ ECG ):يۈرەكنىڭ توك ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ ،يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېز نەپەسلىنىشنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
داۋالاش لايىھىسى كونكرېت كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان تېز سۈرئەتتە نەپەسلىنىشكە نىسبەتەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دەم ئېلىش، يېتەرلىك سۇ قوبۇل قىلىش ۋە قوللاش خاراكتېرلىك داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تېز نەپەسلىنىشكە نىسبەتەن، داۋالاش ئۇسۇلى دورا بىلەن داۋالاش، ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش، مېخانىكىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئېغىر كېسەللەر ئىچىدە، بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشقا ھەمدە يېقىندىن كۆزىتىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن.