كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيەسى
ئىنسان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بەدەننىڭ ئاساسلىق تىرەك قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىنىڭ ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان. كۆكرەك ئومۇرتقىسى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ كۆكرەك قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 12 دانە ئومۇرتقىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇ يۇقىرىدىن بويۇن ئومۇرتقىسىغا، تۆۋەندىن بەل ئومۇرتقىسىغا تۇتىشىدۇ ھەمدە قوۋۇرغىلار بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىپ، كۆكرەك قەپىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ماقالىدە كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى رەسىم ئارقىلىق تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسىم : كۆكرەك ئومۇرتقا
ئىنگىلىزچە ئىسىم : Thoracic vertebra
تۈركچە ئىسىم : Torasik Omurga, Torasik omur
خەنزۇچە ئىسىم : 胸椎
قىسقارتىلىشى : T ھەرىپى ئارقىلىق ئىنگىلىزچە بويۇن ئومۇرتقا Thoracic vertebra سۆزىنى قىسقارتىپ ئىپادىلىنىدۇ. ( يەنى T1, T2, T3, T4, T5, T6, T7, T8, T9, T10, T11, T12 ئارقىلىق ئون ئىككى تانە كۆكرەك ئومۇرتقا سۆڭىكىنى ئىپادىلەيدۇ. )
رەسىم مەنبەسى: ئادەم ئاناتومىيىسىنىڭ رەڭلىك ئاتلىسى (ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە 1993-يىلى)
رەسىم تەرجىمە تەھرىرى: ھەلىمە ئابدۇكېرىم ؛ تەھرىر: سابىت ئىسلام
رەسىم تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئاگۇ خەسەنوۋ ، تۇرسۇنجان توقاي ، گۈلنىسا كېرەم ، نۇرمەمەت باغاشار ، ھەىلمە ئابدۇكېرىم
مەزمۇن تەييارلاش ۋە تەھرىر : دوختۇرلار تورى ئەترىتى
كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىلىرى
تۆۋەندە كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئوڭ ياندىن ۋە يۇقىرىدىن كۆرۈنۈشىدىكى ھەر بىر قىسىمنىڭ ئاناتومىيىلىك ئاتىلىشى ۋە فۇنكسىيەسى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ.
كۆكرەك ئومۇرتقا ئوڭ ياندىن كۆرۈنۈشى ( 胸椎右侧面观 Right lateral view of thoracic vertebrae )
كۆكرەك ئومۇرتقا يۇقىرىدىن كۆرۈنۈشى ( 胸椎上面观 Superior view of thoracic vertebrae )
- ئومۇرتقا تېنى (Vertebral body, 椎体)
ئومۇرتقىنىڭ ئاساسلىق ئېغىرلىق كۆتۈرىدىغان قىسمى بولۇپ، ئالدى تەرەپكە جايلاشقان. ئۇ ئومۇرتقا ئارا تەخسىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى-تۆۋەنكى ئومۇرتقىلار بىلەن تۇتىشىپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. - ئومۇرتقا ياي يىلتىزى (Pedicle of vertebral arch, 椎弓根)
ئومۇرتقا تېنىنىڭ كەينى تەرىپىدىن چىقىپ، ئومۇرتقا يېيىنى ھاسىل قىلىدىغان قىسقا، كۈچلۈك سۆڭەك تۈۋرۈكچە. ئۇ ئومۇرتقا تۆشۈكىنىڭ يان تېمىنى ھاسىل قىلىپ، ھارغىننى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. - ئومۇرتقا ياي تاختىسى (Lamina of vertebral arch, 椎弓板)
ئومۇرتقا ياي يىلتىزىدىن كەينىگە قاراپ سوزۇلۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ياي تاختىسى ئوتتۇرا لىنىيەدە ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، بىسلىق ئۆسۈكچىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلما ئومۇرتقا يېيىنىڭ كەينى قىسمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇلۇننى قوغدايدۇ. - ئومۇرتقا تۆشۈكى (Vertebral foramen, 椎孔)
ئومۇرتقا تېنى ۋە ئومۇرتقا يېيى بىرلىشىپ ھاسىل قىلغان چوڭ تۆشۈك. بارلىق ئومۇرتقىلارنىڭ ئومۇرتقا تۆشۈكلىرى بىرلىشىپ، ھارغىن يولىنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. - ئومۇرتقا يۇقارقى ئويۇقى (Superior vertebral notch, 椎骨上切迹)
ئومۇرتقا ياي يىلتىزىنىڭ يۇقىرى گىرۋىكىدىكى ئويمانلىق. ئىككى قوشنا ئومۇرتقا بىرلەشكەندە، بىر ئومۇرتقىنىڭ يۇقارقى ئويۇقى يەنە بىر ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنكى ئويۇقى بىلەن بىرلىشىپ، ئومۇرتقا ئارا تۆشۈكىنى ھاسىل قىلىدۇ. - ئومۇرتقا تۆۋەنكى ئويۇقى (Inferior vertebral notch, 椎骨下切迹)
ئومۇرتقا ياي يىلتىزىنىڭ تۆۋەن گىرۋىكىدىكى ئويمانلىق. قوشنا ئومۇرتقىلار تۇتاشقاندا، بۇ ئويمانلىق يۇقىرىدىكى ئومۇرتقىنىڭ ئويۇقى بىلەن بىرلىشىپ، ھارغىن نېرۋىلىرى چىقىدىغان ئومۇرتقا ئارا تۆشۈكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. - بىسلىق ئۆسۈكچە (Spinous process, 棘突)
ئومۇرتقا يېيىنىڭ كەينىگە ۋە سەل تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلغان ئۇچلۇق سۆڭەك ئۆسۈكچىسى. ئۇ مۇسكۇل ۋە كەتئۈچلەنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى بولۇپ، ئومۇرتقىنىڭ ھەرىكىتى ۋە مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. - كۆندىلەڭ ئۆسۈك (Transverse process, 横突)
ئومۇرتقا ياي يىلتىزى بىلەن ياي تاختىسىنىڭ تۇتاشقان يېرىدىن ئىككى يانغا قاراپ سوزۇلغان ئۆسۈك. ئۇمۇ مۇسكۇل ۋە تارىمۇشلار بىرىكىش نۇقتىسى بولۇش بىلەن بىرگە، كۆكرەك ئومۇرتقىسىدا قوۋۇرغا بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىدۇ. - يۇقارقى بوغۇم ئۆسۈكچىسى (Superior articular process, 上关节突)
ئومۇرتقىنىڭ يۇقىرىغا قاراپ سوزۇلغان بوغۇم يۈزى بولۇپ، ئۈستىدىكى ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنكى بوغۇم ئۆسۈكچىسى بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بوغۇملار ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىلىش، بۇرۇلۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىدۇ. - تۆۋەنكى بوغۇم ئۆسۈكى (Inferior articular process, 下关节突)
ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلغان بوغۇم يۈزى بولۇپ، ئاستىدىكى ئومۇرتقىنىڭ يۇقىرىقى بوغۇم ئۆسۈكچىسى بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلما ئومۇرتقىلارنىڭ مۇقىم تۇتۇشۇپ تۇرۇشى ۋە ھەرىكەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. - يۇقارقى قوۋۇرغا ئويۇقى (Superior costal facet, 上肋凹)
كۆكرەك ئومۇرتقىسى تېنىنىڭ يۇقىرى يان تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ماس كېلىدىغان قوۋۇرغا بېشى بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىدىغان ئويمانلىق.كۆپىنچە كۆكرەك ئومۇرتقىلىرىدا يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئىككى قوۋۇرغا ئويۇقى بولىدۇ. - تۆۋەنكى قوۋۇرغا ئويمىنى (Inferior costal facet, 下肋凹)
كۆكرەك ئومۇرتقىسى تېنىنىڭ تۆۋەن يان تەرىپىگە جايلاشقان ئويمانلىق بولۇپ، ئاستىدىكى قوۋۇرغىنىڭ بېشى بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئويمانلىق قوشنا ئومۇرتقا بىلەن بىرلىشىپ، قوۋۇرغىنىڭ مۇقىم ئورنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. - كۆندىلەڭ ئۆسۈك قوۋۇرغا ئويمىنى (Transverse costal facet, 横突肋凹)
كۆندىلەڭ ئۆسۈكنىڭ ئالدى يۈزىگە جايلاشقان كىچىك بوغۇم يۈزى. ئۇ ماس كېلىدىغان قوۋۇرغىنىڭ بوغۇم تۆپىسى بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىپ، قوۋۇرغىنىڭ ئومۇرتقىغا بولغان بىرىكىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەسى ۋە ئەھمىيىتى
كۆكرەك ئومۇرتقىسى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى يۇلۇننى قوغداش، بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈش ۋە كۆكرەك قەپىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق مۇھىم ئىچكى ئەزالارنى قوغداشتىن ئىبارەت. كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان قۇرۇلمىلىرى، يەنى قوۋۇرغا بىلەن بوغۇم ھاسىل قىلىدىغان قوۋۇرغا ئويۇقلىرى، ئۇنى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ باشقا قىسىملىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ بىسلىق ئۆسۈكچىلىرى ئۇزۇن ھەم تۆۋەنگە قاراپ يانتۇ بولغاچقا، ئومۇرتقىنىڭ كەينىگە ھەددىدىن زىيادە ئېگىلىشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بوغۇم ئۆسۈكچىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئومۇرتقىنىڭ ئاساسەن ئوق يۆنىلىشىدە بۇرۇلۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، ئەمما ئالدى-كەينى ۋە يان تەرەپكە ئېگىلىش ھەرىكىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەيدۇ. بۇ خىل ئاناتومىيىلىك ئالاھىدىلىك كۆكرەك قەپىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە نەپەسلىنىش ھەرىكىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئومۇمىي بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈر. خاتا تۇرۇش، خاتا ئولتۇرۇش قىياپىتى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھارغىنلىق ۋە تاشقى زەخىملىنىش قاتارلىق ئامىللار كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشى، ئومۇرتقا ئارا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا توغرا قىياپەتنى ساقلاش، مۇۋاپىق چېنىقىش ئارقىلىق دۈمبە مۇسكۇللىرىنى كۈچەيتىش كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.