thyroid gland 甲状腺 tiroid bezi قالقانسىمان بەز
قالقانسىمان بەز بوينىمىز، بوغدىيىكىمىزنىڭ ئاستىدىراق قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بەدىنىمىزنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەۋە بولغان مۇھىم بىر ئورگان.
كىكىردەكنىڭ ئاستىدىراق قىسمىغا جايلاشقان ئورگان. T3, T4 ئىسىملىق ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. قالقانسىمان بەز ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىدۇ ، ئاقسىل ھاسىل قىلىدۇ ۋە بەدەننىڭ باشقا ھورمونلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى تەڭشەيدۇ.
كالسىتونىن 降钙素 Calcitonin :ئىسىملىق ھورمون ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇ قاندىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم قىلىدۇ، سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ۋە ئالامەتلەر: قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى كۆپىنچە ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. قالقانسىمان بەز يوغىناپ كېتىش يەنى پوقاق، قالقانسىمانبەز ياللۇغى، ۋە قالقانسىمان بەز ھورمونلىرىدا بىنورماللىق كۆرۈلسە يۈرەك ئىتتىك سوقۇپ كېتىش، پۇت قول ئاسان تىترەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىقى تۇرمۇش، ئوزۇقلىنىش رېتىملىق بولماسلىق، روھىي بېسىم، رادىئاكسىيە نۇرى ئاستىدا قېلىش، ۋە يا باشقا يەرلەردىن كەلگەن راك ئۆسمىلەر سەۋەبلىك بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار بەدەن تەكشۈرگەندە T3,T4,TSH قاتارلىق ھورمونلارنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.