كۆرۈش نېرۋىسى ۋە يوللىرى: كۆزدىن مېڭىگە بولغان ئۇچۇر سەپىرى
بۇ رەسىم ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى، يەنى كۆرۈش نېرۋىسى ۋە كۆرۈش يوللىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ كۆزدىن قوبۇل قىلىنغان كۆرۈش سىگناللىرىنىڭ مېڭىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى كۆرۈش مەركىزىگە قانداق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاساسلىق ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىلارنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ دىئاگرامما ئارقىلىق بىز كۆرۈش ئۇچۇرلىرىنىڭ مېڭىمىزدە قانداق «رەسىم»گە ئايلىنىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز.
رەسىم مەنبەسى image source: Copyright: Betts, J. G., et al. Anatomy and Physiology 2e. OpenStax, 2022. https://openstax.org/books/anatomy-and-physiology-2e/pages/12-1-basic-structure-and-function-of-the-nervous-system
سول كۆز (Left eye)
ئىنسانلارنىڭ كۆزى، كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، تاشقى دۇنيادىن كەلگەن يورۇقلۇق سىگناللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى نېرۋا ئىمپۇلسىغا ئايلاندۇرىدۇ.
كۆرۈش نېرۋىسى (Optic nerve)
ھەر بىر كۆزنىڭ ئارقا تەرىپىدىن چىقىپ، كۆزدىكى تور پەردىسىدىن كەلگەن كۆرۈش ئۇچۇرلىرىنى مېڭىگە يەتكۈزىدىغان بىر تۇتام نېرۋا تالالىرىدۇر.
كۆرۈش كېسىشمىسى (Optic chiasma)
بۇ ئىككى كۆزدىن كەلگەن كۆرۈش نېرۋىلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدۇر. بۇ يەردە ھەر بىر كۆزنىڭ ئىچكى يېرىمىدىكى (بۇرۇن تەرەپتىكى) نېرۋا تالالىرى قارشى تەرەپتىكى مېڭە يېرىم شارىغا ئۆتىدۇ.
كۆرۈش يولى تۇتامى (Optic tract)
كۆرۈش نېرۋىلىرى كېسىشكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن نېرۋا يولى بولۇپ، ئۇ ئۇچۇرلارنى تالامۇسقا ۋە مېڭىنىڭ باشقا رايونلىرىغا يەتكۈزىدۇ.
ئوتتۇرا مېڭە (Midbrain)
كۆرۈش يولىدىكى بەزى نېرۋا تالالىرى بۇ يەرگە تۇتىشىدۇ. ئوتتۇرا مېڭە كۆز قارىچۇقىنىڭ يورۇقلۇققا بولغان ئىنكاسى ۋە كۆز ھەرىكىتى قاتارلىق بەزى ئۆزلۈكىدىن بولىدىغان كۆرۈش رېفلېكىسلىرىنى كونترول قىلىدۇ.
دۆڭچە مېڭە / تالامۇس (Thalamus)
بۇ مېڭىدىكى مۇھىم بىر ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەركىزى. كۆرۈش يولى توتامىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئالدى بىلەن تالامۇسقا كېلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ كۆرۈش رايونىغا يوللىنىدۇ.
گەجگە ياپراقچىسى (Occipital lobes)
بۇ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئارقا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق كۆرۈش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تالامۇستىن كەلگەن كۆرۈش سىگناللىرى بۇ يەردە ئاخىرقى قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، شەكىل، رەڭ، ھەرىكەت ۋە چوڭقۇرلۇق قاتارلىق مۇرەككەپ كۆرۈش تۇيغۇلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
كۆرۈش قانداق شەكىللىنىدۇ؟
كۆرۈش جەريانى كۆزىمىزگە يورۇقلۇق چۈشۈشتىن باشلىنىدۇ. كۆزدىكى تور پەردىسى بۇ يورۇقلۇقنى ئېلېكترلىق سىگنالغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ سىگناللار ئاندىن كۆرۈش نېرۋىسى ئارقىلىق مېڭىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ھەر بىر كۆزدىن بىر كۆرۈش نېرۋىسى چىقىپ، مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ ماڭىدۇ.
بۇ سەپەردىكى ئەڭ ھالقىلىق نۇقتا كۆرۈش نېرۋىلىرىنىڭ كېسىشىش ئورنىدۇر. بۇ يەردە، ھەر بىر كۆزنىڭ سول كۆرۈش مەيدانىدىن (يەنى سول تەرەپتىن) كەلگەن ئۇچۇرلار مېڭىنىڭ ئوڭ يېرىم شارىغا، ئوڭ كۆرۈش مەيدانىدىن (يەنى ئوڭ تەرەپتىن) كەلگەن ئۇچۇرلار بولسا مېڭىنىڭ سول يېرىم شارىغا يۆتكىلىدۇ. بۇ كېسىشىش مېڭىمىزنىڭ دۇنيانى بىر پۈتۈن، ئۈچ ئۆلچەملىك مەنزىرە سۈپىتىدە ھېس قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
كېسىشكەندىن كېيىن، كۆرۈش يولى تۇتامىغا ئايلانغان نېرۋا تالالىرى ئۇچۇرلارنى ئالدى بىلەن تالامۇسقا يەتكۈزىدۇ. تالامۇس بىر خىل «ئۇچۇر بۆلۈش پونكىتى»غا ئوخشاش رول ئويناپ، سىگناللارنى رەتلەپ، مېڭىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى گەجگە ياپراقچىسىغا جايلاشقان ئاساسلىق كۆرۈش مەركىزىگە ئەۋەتىدۇ. ئاخىرىدا، مېڭە پوستلىقىنىڭ بۇ رايونىدا بارلىق ئۇچۇرلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىز «كۆرۈش» دەپ ئاتايدىغان ئاڭلىق پائالىيەت شەكىللىنىدۇ.