مېنىرال ماددىلارنىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مىنېرال ماددىلار ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ماتېرىيال، ھۈجەيرە ئىچكى، سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي بولۇپ، سۇيۇقلۇقنىڭ مۇئەييەن ئوسموتىك بېسىمىنى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى ساقلايدىغان ئورگانىزمدىكى ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارغا ئىگە ماددىلارنىڭ مۇھىم تەركىبى، نۇرغۇن ئېنزم سىستېمىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا، ياردەمچى فاكتور ياكى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبتىن ئىبارەت.

مېنىرال ماددىلارنىڭ رولى

بەزى مىنېرال ماددىلارنىڭ يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممونىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش رولى بار. مەسىلەن، كالتسىي بىلەن فوسفور سۆڭەكنى تەشكىل قىلىدىغان تەركىبتىن ئىبارەت، كالىي بىلەن ناترىي ئادەم بەدىنىنىڭ ئوسموتىك بېسىمىنى ساقلايدۇ، سىنك، مىس، مانگان، قاتارلىقلار نۇرغۇن ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يود بولسا قالقانسىمان بەز ھورمۇننىڭ تەركىبىي قىسمى، كوبالت بولسا ۋىتامىن B12 نىڭ تەركىبىي قىسمى، ۋەھاكازالار.

مىنېرال ماددىلار ئومۇمىي جەھەتتە يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا، ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت مۇھىم رولنى ئويناپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ PH قىممىتىنى 7.25-7.65 دائىرىسىدە تىزگىنلەيدۇ، مۇشۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى بۇنىڭدىن تۆۋەنلەپ كەتسە، ئادەم كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

ئورگانىزم ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردا مىنېرال ماددا سەرپ قىلىدىغانلىقى ياكى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن يېتەرلىك مىقداردىكى مىنېرال ماددىلارغا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن ياخشى ساغلام ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يېمەكلىكنى كۆپ خىللاشتۇرسىلا، كىشىلەر يېمەكلىكلەردىن يېتەرلىك مىقداردىكى مىنېرال ماددىلارغا ئېرىشەلەيدۇ، مىنېرال ماددا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقمايدۇ.

مىنېرال ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن بىر بىخەتەر ۋە مۇۋاپىق قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى بولىدۇ، مۇشۇ دائىرىنىڭ سىرتىدا بولسا، ئورگانىزمغا پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، مىنېرال ماددا يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەمما زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ بەزى مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ ئېھتىياجلىق مىقدارى بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىش مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى دائىرە ئىنتايىن كىچىك، شۇڭا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ