ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزۋىتامىن دىگەن نىمە؟ ۋىتامىن ھەققىدە بىلىملەر

ۋىتامىن دىگەن نىمە؟ ۋىتامىن ھەققىدە بىلىملەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەلكىم كۆپىنچە ئائىلىدە بىرەر قۇتىدىن ۋىتامىن بولۇشى مۇمكىن. سىز ئۆمرىڭىزدە گەرچە كېسەل بولمىسىڭىزمۇ، ۋىتامىن يەپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ۋىتامىن تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان سۆزلەرنىڭ بىرسى. ۋىتامىن دىگەن ئىسىم لاتىنچە سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ۋىتا لاتىنچە سۆز بولۇپ، ھايات مەنىسىدە كىلىدۇ. يەنى بۇ ماددىلار ئادەم ياكى ھايۋاناتلار بەدىنىدە بولمىسا بولمايدىغان ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىم بېرىلگەن.  ۋىتامىنلەر بەدىنىمىزدىكى ھەرخىل ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم  ياردەمچى ماددا.

ۋىتامىنلارنىڭ تەبىئەتتىن تېپىلىدىغانلىقى، بەدەندىكى كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدىغانلىقى ناھايىتى بۇرۇنلا بايقىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋاقىتلاردىكى مېدىتسىنا تېخنىكىسى تېخى بەك ئىلغار بولمىغاچقا، بۇلارنى ئايرىم تېپىپ چىقىپ ئىسىم بېرەلمىگەن.

مەسىلەن بۇرۇن زامانلاردا، ئۇزۇن يىل دېڭىزدا ياشايدىغان غەۋۋاسلاردا قان چىرىش كېسەللىكى پەيدا بولاتتىكەن، ھەم بۇ تۈردىكى كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلگەچكە، بۇنى غەۋۋاسلار كېسىلىمۇ دەپ قوياتتى. بۇلار دەل بۇ كىشىلەر بىر قانچە ئاي دېڭىزدا پاراخوتتا يۈرگەچكە، سى ۋىتامىن بولغان مىۋىلەر بولۇپمۇ لىمون، ئاپىلىسىن قاتارلىقلارن يىيەمىگەچكە، بەدەندە س ۋىتامىنى كەمچىللىشىپ، كىچىك يارىلار پەيدا بولۇپ قالسا، ۋاقتىدا ساقايماي، ياللۇغ قانغا ئۆتۈپ كېتىپ ئاخىرىدا ئېغىرلىشىپ ئۆلۈپ كىتەتتى. تارىختا خاتىرلىنىشىچە، بۇ كېسەللىكنى ئەڭ باشتا ھىپوكرات مىلادىدىن بۇرۇنقى 460-380يىللىرى تىلغا ئالغانمىش. ئەمما تاكى 1753 يىلىغىچە ئېنىق بىر سەۋەبى ياكى داۋالىنىش ئۇسۇلى تېپىپ چىقالمىغان. 1753 يىلى شوتلاندىيە ھەربىي دوختۇرى جەمس لىند غەۋۋاسلار كېسەللىكنىڭ مىۋە يەنى ئاپىسىلىن ۋە لىمون ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ساقايتقىلى  بولىدىغانلىقى بايقىغان. گەرچە ئۇ ۋاقىتتا سى ۋىتامىنى دىگەن بۇ ماددىنى ئايرىپ چىقارغۇدەك بىر تېخىنىكا بولمىسىمۇ، لىكىن ھىچ بولمىغاندا، بەدەنگە كېرەكلىك بولغان بەزى ماددىلارنىڭ ھەرخىل يېمەكلىك- ئوزۇقلۇقلاردا، كۆكتات، مىۋىلەردە بولىدىغانلىقى، بۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلمىسا، ئادەم بەدىنىدە ئاستا ئاستا كېسەللىك پەيدا بولىدىغانلىقى بىلىشكە باشلىغان.

ۋىتامىن كەمچىللىكى، غەۋۋاسلار كېسىلى

ۋىتامىن دىگەن ئىسىم تۇنجى قىتىم 1912 يىلى پولشا خىمىيە ئالىمى كازمىر فىنك تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئۇ  بۇغداي كىپىكىدىن بېرى بېرى كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقارغان. بۇ ئالىم بېرى بېرى كېسىلى، قان چىرىش كىسىلى، راخىت كېسەلى ۋە تېرە قوتۇرلىشىش كېسىلى قاتارلىق 4 خىل كېسەللىككە پايدا قىلىدىغان 4 خىل ماددىغا ۋىتامىن دىگەن نام بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شۇنىڭدىن كېيىن مېدىتسىنانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، باشقا تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە ماددىلار يەنى ۋىتامىنلەر بايقالغان.

ۋىتامىن بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى 4 شەرتنى قاندۇرۇش لازىم.

  1. بۇ ماددا بەدىنىمىزدە بولمايدۇ، پەقەت سىرتتىن ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق تولۇقلىنىشى لازىم، ھەم مىنىراللىق تۇز بولماسلىقى لازىم.
  2. بۇ ماددا بەدەنگە لازىم. ئەمما بەك كۆپ مىقتاردا ئەمەس، ناھايىتى ئاز مىقداردىلا لازىم.
  3. بەدەننىڭ مېتابولىزمىسنى تەڭشەش، ھۈجەيرە ئىچى ئورگانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم قىلالايدىغان بولۇشى كېرەككەن .
  4. ئەگەر بەدەندە كام بولۇپ قالسا، ياكى زىيادە كۆپ بولۇپ قالسا، چوقۇم كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى لازىم.

تەبىئەتتە بۇ تۆت شەرتكە توشىدىغان، يەنى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ماددىلاردىن 13 خىلى تېپىلغان. بۇلارغا ئىنگىلىزچە ھەرىپ تەرتىپى بويىچە ئىسىم بەرگەن بولۇپ، بۇلار ئا ۋىتامىنى، ب ۋە ب ۋىتامىننىڭ 8 كىچىك تۈرى، س ۋىتامىنى، د ۋىتامىنى، ئې ۋىتامىنى، ك ۋىتامىنى قاتارلىق 13 ۋىتامىندۇر.

ۋىتامىنلەر
ۋىتامىنلەر

بۇ دەپ ئۆتكەن 13 ۋىتامىنلارنى كۆپ يەردە تاپقىلى بولىدۇ. كۆپىچىسى كۆكتاتلاردا، مېغىز باداملاردا، سۈتتە، مىۋىلەردە بولىدۇ، بۇلارنى ياخشى بىلىمىز. قىزىل گۆش يەنى قوي گۆشى كالا گۆشىدىمۇ ۋىتامىن بولىدۇ. بۇ ۋىتامىنلار ئىچىدىكى بىردىن بىر بەدەننىڭ ئۆزىدىمۇ ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدىغان ۋىتامىن دەل د ۋىتاىنىدۇر. د ۋىتامىنىنى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن باشقا يەنە ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئۆزىدە ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ.

يېمەكلەر
يېمەكلەر

تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىمىز، س ۋىتامىن، د ۋىتامىن ۋە ب ۋىتامىن. خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ب ۋىتامىن دەل شۇ 8 خىل ب ۋىتامىن ئىچىدىكى ب 12 دۇر. ۋە بۇنىڭدىن سىرت يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنىمۇ دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ دەل B9 ۋىتامىنىدۇر. بۇلارنى كېيىنكى ۋىدىئولاردا تەپسىلى تونۇشتۇرىمىز.

بۇ 13 ۋىتامىننىڭ سۇدا ئېرىش ياكى ياغدا ئېرىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئا، د، ئې، ك بۇ تۆت ۋىتامىن ياغدا ئېرىيدۇ. 8 خىل ب ۋىتامىن ۋە سى ۋىتامىن سۇدا ئېرىيدۇ. سۇدا ئېرىگەن ۋىتامىنلەر ئادەتتە ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن تۇرالمايدۇ. بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ بولۇپ، بەدەندىن چىقىپ كىتىدۇ. ئەمما ياغدا ئېرىگەن ۋىتامىنلەر بەدەندىكى ياغدا ساقلىنىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

ۋىتامىنلەر بەدەندە ئاساسلىقى ھەرقايسى ئورگانلاردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ياشاشىشىغا، بۆلۈنۈپ كۆپىيىشىگە، باشقا مىنىرال ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىغا ياكى شۇ مىنىرال ماددىلارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا ياردەم قىلىدۇ. ئەمما زىيادە ئاز بولغاندا ياكى زىيادە كۆپ بولغاندا، كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.

قىزىقارلىق يېرى، ۋىتامىن بەدەندە كەم بولسا، ئادەم شۇ زامان كېسەل بولمايدۇ، ياكى شۇ زامان ئۆلۈپ قالمايدۇ. ۋىتامىن كەمچىل بولسا مەسىلەن بىر قانچە ھەپتە، ياكى بىر قانچە ئايلاردىن ئاندىن بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاستا ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

ۋىتامىن كەمچىللىكى كۆپىنچىسى كىچىك بالىلاردا، ياشانغانلاردا، تاماق تاللايدىغانلار، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسىلى بارلار، ئاپتاپقا كۆپ چىقالمايدىغانلاردا، ئۇزۇن مۇددەت دورا ئىشلىتىدىغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ۋىتامىن زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر بولسا كۆپىنچە ۋىتامىن دورىسىنى كۆپ يەۋالغانلاردا ۋە بەزى سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.

كېيىنكى لىكسىيەدە، ھەرقايسى ۋىتامىنلەرنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى، كام بولغاندا ياكى ئىھتىياجدىن كۆپ بولۇپ كەتكەندە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر، ۋە قايسى خىل ئوزۇقلۇقتا قايسى ۋىتامىنلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئەسكەرتىش: بۇ لىكسىيەدىكى مەزمونلار پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىشى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىلىمى يېتىشىچە، توردىن كىتاپلاردىن ئۆگەنگەن ھەم بەزىلىرى كېسەل داۋالاش جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلەرىمدىن يىغىپ كەلگەن مەزمونلار، لېكىن ئوخشىمىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان كېسەللىك شىكايەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بەدىنىڭىزدە ياكى ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:42:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

2 باھالار

  1. ياخشىمۇ سىز دۇختۇر مەن15يىللق دىيابىت كىسىلى ھازىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇرەك نىڭ ئۇچ دەن بىر ى ئشلەي دىگەن دەيدۇ شىكەرىم ھازىر ئۇتتۇرا چە130ئەتراپىدا چىقىدۇ بۇنىڭغا ئامال بار مۇ بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت سىزگە جاۋاپ بىڭىز ساقلاپ كۇتىمەن

    • ياخشىمۇسىز، يېشىڭىز، بوي ئىگىزلىكىڭىز، ئېغىرلىقىڭىز ، ئاچ قورساق قەنت قىممىتى، تاماقتىن 2 سائەت كېيىنكى قەنت قىممىتى…. بۇ ئۇچۇرلارنىمۇ بىلگەن بولساق تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغىلى بولىدۇ. سىز بەرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن:

      1. بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ياخشى كونترول قىلىپ بېرىڭ. ئۆيگە ئاشخانا تېرازىسىدىن بىرنى ئېلىپ كۈندە يىگەن يىمەكلىكنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بىلىۋېلىڭ. كۈندىلىك يىگەن تاماق توپلام مىقتارى، تۈرلىرى، ئىچكەن سۇنىڭ مىقتارى، كىچىك تەرەت بىلەن چىقارغان مىقتار… بۇلارنى سىزگە خاس كىچىك دەپتەردىن بىرنى تۇتۇپ خاتىرىلەپ مېڭىڭ. ھەر كۈن قىلىڭ. بۇ بىر ئادەت بولسۇن.

      2. يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بارمۇ يوق؟ ئەگەر قەنت سىيىش كېسىلى (شىكەر كېسىلى، دىئابېت) بولسا يەنە كېلىپ بۆرەك كېسىلى بولسا، يۇقىرى قان بېسىمى كېلىپ چىقىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ. شۇڭا قان بېسىمىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ. ئەگەر قىسقىراش بېسىم 140 تىن، كېڭىيىش قان بېسىمى 90 دىن يۇقىرى بولسا، مەسئۇل دوختۇرىڭىزغا بۇ ئەھۋالنى دەپ مەسلىھەت ئېلىڭ.

      3. ئۈچ ئايدا بىر ئۈچ ئايلىق قاندىكى قەنت مىقتارى HbA1c ، ۋە بۆرەك رولى kreatin, üre نى قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى(ساغلىق ئوجاغى) دا كونترول قىلدۇرۇپ تۇرۇڭ. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ.

      4. بەدەن ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن چېنىقىپ بېرىڭ.

      5. كەچتە سۇ ئىچمەڭ. كېچىدە ياكى سەھەردە پۇت ئىششىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە كەچلىرى پۇتنى سەل ئېگىز قىلىپ يېتىڭ. ھەم مەسئۇل دوختۇرىڭىزغا بۇ ئەھۋالنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ.

      6. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى بىر خالتا تەييارلاپ ھەممىنى سېلىپ ياخشى ساقلاپ قويۇڭ.

      ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ