پېشقەدەم دوختۇر مۇدىر ۋىراچ مىجىت ئابلىم 1947 – يىلى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تۇرپان ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1964 – يىلى تۇرپان ناھىيەلىك قۇرۇلۇش شىركىتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1965 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاچقان يېزا دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا بىر يىللىق ئوقۇشقا كەلگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئانا يۇرتى تۇرپانغا قايتىپ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان.

مىجىت ئابلىم خىزمەت جەريانىدا پېشقەدەم ئۇستازلاردىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ 1973يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. 1978يىلى كىلىنىك داۋالاش تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلىندى. تەشكىل ئۇنى ئامبۇلاتورىيە مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش بىلەن بىللە ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاپشۇردى.
مىجىت ئابلىم يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان بۇ دوختۇرخانىدا شارائىت ناچار، ئۈسكۈنە – سايمانلار كەمچىل، تەجرىبىلىك دوختۇرلار ئاز، كۆپىنچىسى ئۆزىگە ئوخشاش يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ياشلار بولۇشىغا قارىماي، 20 نەچچە خادىم بىلەن كەسپىي خىزمەتنى باشلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ھەر كۈنى ھارماي كېسەللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش بىلەن قانائەتلەنمەي، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ باردى. 1993- يىلىغا كەلگەندە تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە پارتكوم سېكرېتارى بولدى.
مىجىت ئابلىم دوختۇرخانىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، ھارماي – تالماي ئىشلەپ كەسىچ . تىن ئايرىلىپ باقمىدى. 1999- يىلى مۇدىر ۋىراچلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ بۇ جەرياندا «ئويمانلىق فىزىيولوگىيەسى ۋە كىلىنىكا»، «ئالاھىدە كىلىمات ۋە سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇش»، «تېببىي خادىملارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى تەكشۈرۈش»، خادىملارنى ئۆز ئورنىدا تەربىيەلەش» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ «تۇرپان پەن – تېخنىكا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقىدى.
مىجىت ئابلىم ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تېببىى داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلىغان مول تەجرىبىلىرى ۋە كەسپىي ئۇگىنىش جەريانىدا توپلىغان مول بىلىم ھاسىلاتلىرى ئاساسىدا كىشىلەرنى ئىلمىي ساغلاملىققا يېتەكلەيدىغان شېئىرىي مىسرالار كىرىشتۈرۈلگەن «ساغلاملىق تەۋسىيەلىرى» ناملىق بۇ يېزىپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسپداشلىرىدىن كۆپ .پىكىر ئېلىپ، تۈزىتىپ تولۇقلاش ئاساسىدا كەڭ خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلدى.


