پەي توپ (Badminton)، پالاق بىلەن ئوينىلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ تېزى دەپ قارىلىدىغان، نەپىس ھەرىكەت بىلەن چاققان ئىنكاسنى بىرلەشتۈرگەن بىر ئويۇندۇر. ئۇ ياش چەكلىمىسى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان، ئائىلە ئەزالىرى، دوستلار بىلەن بىللە كۆڭۈللۈك ئوينىشقىمۇ، كەسپىي سەۋىيەدە شىددەتلىك رىقابەتلىشىشكىمۇ ماس كېلىدىغان تەنھەرىكەت بولغاچقا، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ تەنھەرىكەتنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئۇنىڭ توپىدا بولۇپ، پەيدىن ياسالغان توپنىڭ ھاۋادىكى ئۇچۇش ھالىتى ئۆزگىچە بولغاچقا، ئويۇن جەريانى ئىستراتېگىيە ۋە ماھارەتكە تولغان بولىدۇ.

پەي توپ دىگەن نىمە؟ قانداق بىر تەنھەرىكەت؟
پەي توپ، پەيدىن ياسالغان ئۆزگىچە شەكىلدىكى توپ (shuttlecock) ۋە يېنىك پالاق ئىشلىتىپ، ئوتتۇرىسىغا توغرىسىغا ئېگىز تور ئورنىتىلغان تىك تۆت بۇلۇڭلۇق مەيداندا ئوينىلىدىغان بىر تەنھەرىكەت تۈرىدۇر. بۇ ئويۇندا، ماھىرلار توپنى پالاق بىلەن ئۇرۇپ، تورنى ھالقىتىپ قارشى تەرەپ مەيدانىغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق، رەقىبىنى توپنى قايتۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ نومۇر ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. پەي توپ يۇقىرى تېزلىك، چاققان قەدەم ھەرىكىتى، نەپىس ماھارەت ۋە ئىستراتېگىيەنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن بەدەننى چېنىقتۇرىدىغان ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر ئويۇندۇر.

ئۇيغۇرچە / Uyghurche : پەي توپ
ئىنگىلىزچە / English : Badminton
تۈركچە / Türkçe : Badminton, Tüytop
خەنزۇچە / 汉语 : 羽毛球
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: پەيتوپ
پەي توپنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى
پەي توپنىڭ قەدىمكى شەكىللىرىنى قەدىمكى گرېتسىيە ۋە مىسىرغا ئائىت بىر قىسىم خاتىرىلەردىن تاپقىلى بولسىمۇ، زامانىۋى پەي توپ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى «پۇنا» (Poona) دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك بىر ئويۇننى ئوينايتتى. كېيىن ئۇلار بۇ ئويۇننى ئەنگىلىيەگە ئېلىپ كېلىدۇ.

1873-يىلى، گلۇسېستېرشىر (Gloucestershire) دىكى «بەدمىنتون ئۆيى» (Badminton House) دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر زىياپەتتە بۇ ئويۇن رەسمىي تونۇشتۇرۇلۇپ، شۇ جاينىڭ نامى بىلەن «بەدمىنتون» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 1992-يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىگەن.
ئاساسىي تېخنىكىلىرى
پەي توپتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر قانچە ئاساسىي تېخنىكىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك:
- پالاق تۇتۇش (Grip): ئوڭ قول ۋە سول قول تۇتۇش ئۇسۇلى ئاساسلىق ھېسابلىنىدۇ. توغرا تۇتۇش ھەر خىل زەربىلەرنى ئەركىن ئىشلىتەلىشىڭىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
- قەدەم ھەرىكىتى (Footwork): مەيداننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز يېتىپ بېرىپ، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ توپقا زەربە بېرىش ئۈچۈن قەدەم ھەرىكىتى ئىنتايىن مۇھىم.
- توپ بېرىش (Serve): ئېگىز توپ بېرىش ۋە تۆۋەن توپ بېرىش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ياخشى توپ بېرىش ھۇجۇم پۇرسىتى يارىتالايدۇ.
- ئېگىز ئۇرۇش (Clear): توپنى رەقىب مەيدانىنىڭ ئارقا سىزىقىغا ئېگىز ۋە يىراق قىلىپ ئۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە تەييارلىق قىلىش پۇرسىتى يارىتىش.
- كۈچلۈك زەربە (Smash): پەيتوپتىكى ئاساسلىق ھۇجۇم ۋاسىتىسى بولۇپ، توپقا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ، تېز ۋە كۈچلۈك زەربە بېرىش ئارقىلىق نومۇر ئېلىش.
- تور ئالدىغا تاشلاش (Drop shot): توپنى يېنىككىنە ئۇرۇپ، تورنىڭ ئالدىغىلا چۈشۈرۈپ، رەقىبنى ئالغا يۈگۈرۈشكە مەجبۇرلاش.
- بىگىز ئۇرۇش (Drive): توپنى تور بويلاپ تېز ۋە تۈز ھالەتتە ئۇرۇپ، رەقىبنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك.
توپ ۋە پالاقنىڭ ئۆلچىمى
- پالاق (Racket): زامانىۋى پالاقلار ئادەتتە كاربون تالاسى، گرافىت ياكى باشقا يېنىك مېتال قېتىشمىلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 80 گرامدىن 100 گرامغىچە بولىدۇ. پالاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 680 مىللىمېتىردىن، كەڭلىكى 230 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

- پەيتوپ (Shuttlecock): ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، كەسپىي مۇسابىقىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي پەي توپ بولۇپ، 16 تال غاز ياكى ئۆردەك پەيى پۇكەي (cork) ياكى تار چىلەك شەكىل ئاساسقا قادىلىپ ياسىلىدۇ. يەنە بىرى، سۇلياۋدىن ياسالغان توپ بولۇپ، ئۇ چىداملىق بولغاچقا، ئادەتتىكى مەشىق ۋە كۆڭۈل ئېچىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

مۇسابىقە مەيدانى ۋە تۈزۈلۈشى
- مەيدان: تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 13.4 مېتىر. قوش ئويناش (doubles) مۇسابىقىسىدە كەڭلىكى 6.1 مېتىر، يەككە ئويناش (singles) مۇسابىقىسىدە بولسا كەڭلىكى 5.18 مېتىر بولىدۇ.
- تور: تورنىڭ كەڭلىكى 6.1 مېتىر، ئېگىزلىكى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا 1.524 مېتىر، ئىككى ياندىكى تۈۋرۈكتە 1.55 مېتىر بولىدۇ.

نومۇر ھېسابلاش ۋە جازالاش
- نومۇر ھېسابلاش: ھازىرقى رەسمىي قائىدە بويىچە، ھەر ئايلانما مۇسابىقە 21 نومۇر سىستېمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈچ ئايلانمىدا ئىككى ئايلانما يەڭگەن تەرەپ غەلىبە قىلىدۇ. نومۇر 20-20 بولۇپ تەڭلىشىپ قالسا، بىر تەرەپ ئىككى نومۇر ئۈستۈنلÜككە ئېرىشكۈچە داۋاملىشىدۇ (مەسىلەن 22-20، 23-21). ئەگەر 29-29 بولۇپ قالسا، 30-نومۇرنى ئالغان تەرەپ شۇ ئايلانمىدا يېڭىدۇ.
- جازالاش (Faults): تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا نومۇر يوقىتىلىدۇ: توپنى تورنى ئاشۇرالماي ئۇرۇش؛ توپنىڭ مەيدان سىزىقىدىن سىرتقا چۈشۈشى؛ توپنىڭ پالاققا ئىككى قېتىم تېگىشى؛ توپچىنىڭ بەدىنى ياكى پالاقىنىڭ تورغا تېگىپ كېتىشى قاتارلىقلار.
پەي توپ تەنھەرىكىتىنىڭ ساغلاملىققا ئەھمىيىتى
دوختۇرلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر پەي توپنىڭ پۈتۈن بەدەن چېنىقىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن پايدىسى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ:
- پۈتۈن بەدەننى چېنىقتۇرىدۇ: يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئېڭىشىش ۋە پالاقنى تەۋرىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر پۇت، قول، بەل ۋە قورساق مۇسكۇللىرىنى تەڭ چېنىقتۇرىدۇ.
- يۈرەك-قان تومۇر سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ: يۇقىرى سۈرئەتلىك ھەرىكەت يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئازايتىدۇ.
- چاققانلىق ۋە ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرىدۇ: توپنىڭ تېز ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش بەدەننىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
- ئورۇقلاش ۋە بەدەن شەكلىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق: بىر سائەتلىك پەي توپ ئويۇنى تەخمىنەن 400-500 كالورىيە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، ئورۇقلاشتا ئۈنۈمى ياخشى.
- سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ: ھەرىكەت جەريانىدا سۆڭەكلەرنىڭ يېڭى سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
- روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ: دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئويناش كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بېسىملارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، روھىي جەھەتتىن راھەتلىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
بۇ ساھەدىكى داڭلىق دۆلەت ۋە كىشىلەر
پەي توپ دۇنياسىدا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. جۇڭگو، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، كورېيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر نۇرغۇنلىغان دۇنيا چېمپىيونلىرىنى يېتىشتۈرگەن. ياۋروپادىن دانىيە بۇ ساھەدىكى كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
- داڭلىق ئەربابلار: جۇڭگولۇق لىن دان (Lin Dan) «تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى» دەپ قارىلىدۇ. مالايسىيالىق لى چۇڭ ۋېي (Lee Chong Wei)، ھىندونېزىيەلىك تافىق ھىدايەت (Taufik Hidayat) ۋە دانىيەلىك ۋىكتور ئاكسېلسېن (Viktor Axelsen) قاتارلىقلارمۇ دۇنياغا داڭلىق توپچىلاردۇر.
ھازىرقى زامان پەي توپ ساھەسىدىكى مۇھىم مۇسابىقىلەر
ھازىرقى زامان پەي توپ دۇنياسىدا بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە بار بولۇپ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنى جەلپ قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق بولغىنى ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پەي توپ مۇسابىقىسىدۇر. ئولىمپىك چېمپىيونلۇقى ھەر بىر پەي توپچىنىڭ ئەڭ ئالىي ئارزۇسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا پەي توپ بىرلەشمىسى (BWF) تەرىپىدىن ھەر يىلى (ئولىمپىك يىلىدىن باشقا) ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مۇسابىقىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى توپچىلىرى يەككە ۋە جۈپ ئويناش تۈرلىرىدە دۇنيا چېمپىيونلۇقى شەرىپى ئۈچۈن كۈچ سىنىشىدۇ.
يۇقىرىقى شەخسىي مۇسابىقىلەردىن سىرت، دۆلەت كوماندىلىرى ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان كوماندىلار مۇسابىقىلىرىمۇ زور تەسىرگە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر دۆلەت كوماندىلىرى ئۈچۈن توماس لوڭقىسى (Thomas Cup) ۋە ئاياللار دۆلەت كوماندىلىرى ئۈچۈن ئۇبېر لوڭقىسى (Uber Cup) ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. بۇ ئىككى مۇسابىقە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سەھنە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، BWF دۇنيا سەييارە مۇسابىقىسى (BWF World Tour) سىستېمىسىمۇ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلار Super 1000, Super 750, Super 500 قاتارلىق دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ ۋە يىل ئاخىرىدىكى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىلەر توپچىلارنىڭ دۇنيا رەت تەرتىپى ۋە ئولىمپىك سالاھىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ تەنتەربىيە چېنىقىش تۈرلىرىنى ساپ ئۇيغۇر تىلىمىزدا چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسقا قاراڭ:
تەنھەرىكەتلەر تۈرلىرى ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە ئىسىملىرى سېلىشتۇرمىسى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى
https://dohturlar.com/tenheriketler-turliri-uyghurche-ingilizche-we-xenzuche-isimliri-selishturmisi/
تەنھەرىكەتلەر تۈرلىرى ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە ئىسىملىرى سېلىشتۇرمىسى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى



