سۈنئىي ئىككى ياپراقلىق يۈرەك كلاپانى رەسىملىك كۆرۈنۈشى يۈرەكنىڭ سول تەرەپتىكى ئىككى ياپراقلىق كلاپان زەخىمگە ئۇچراپ، نورمال ئىشلىيەلمىگەندە، ئۇنىڭ يېرىگە سۈنئىي ياسالغان ئىككى ياپراقلىق كلاپانلارنى ئالماشتۇرىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى بار. بۇ كىلاپانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرسى بىئولوگىيەلىك سۈنئىي كىلاپان، يەنە بىرسى مېخانىك سۈنئىي كىلاپان. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى بار.
