ساغلاملىق — ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى، ئەمما بەزىدە بىز ئەڭ يېقىن تۇرۇپمۇ سەل قارايدىغان كېسەللىكلەر ھاياتىمىزغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۈچەي راكى دەل ئەشۇنداق «ئۈنسىز قاتىل»لارنىڭ بىرىدۇر. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولىدىغان يېڭى بىمارلارنىڭ سانى 400 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، گەرچە دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۈچەي راكىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن بىمارلار كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سەل قارىغانلىقى ياكى گېموروي (بوۋاسىر) بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن، دوختۇرغا بارغاندا كېسەللىك ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى باسقۇچقا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئۈچەي راكىنى بايقاش قىيىن بولىدۇ؟
ئۈچەي راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى تىپىك بولمايدۇ، يەنى ئۇ ئادەتتىكى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ياكى ئۈچەي ياللۇغىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنى «گېموروي بولۇپ قالدىم» دەپ ئويلاپ، ئۆز بېشىمچە دورا ئىشلىتىدۇ. گېموروي بىلەن ئۈچەي راكىنىڭ پەرقى شۇكى، گېمورويدا قان ئادەتتە ئوچۇق قىزىل بولۇپ، تەرەتنىڭ يۈزىدە تۇرىدۇ؛ ئۈچەي راكىدا بولسا قان قارامتۇل ياكى شىللىق سۇيۇقلۇق بىلەن ئارىلىشىپ كېلىدۇ ھەمدە تەرەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىنچىكە پەرقلەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ «ئەسكەرتىش»
ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشىڭىز زۆرۈر:
- داۋاملىق قورساق ئاغرىش ۋە قورساق كۆپۈش: ئۈچەي راكى بىمارلىرىدا كۆرۈلىدىغان قورساق ئاغرىش ئادەتتىكى ئاشقازان ئاغرىقىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ كۆپىنچە قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا ئېنىق بولمىغان سىم-سىم ئاغرىش، قورساق كۆپۈش ياكى مۇجۇپ ئاغرىش شەكلىدە بولىدۇ. بۇ راك تومۇرىنىڭ ئۈچەي يولىنى قىسمەن توسۇپ قويغانلىقىدىن ياكى ئۈچەينىڭ نورمال لىقشىللىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.
- سەۋەبسىز بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېز تۆۋەنلىشى: ئەگەر سىز قەستەن ئورۇقلىمىغان تۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (مەسىلەن 1-3 ئاي ئىچىدە) بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ %5 تىن كۆپرەكىنى يوقاتقان بولسىڭىز، يەنى ئەگەر بىر ئاي ئىچىدە تۇيۇقسىزلا 3-5 كىلوگرام ئېغىرلىقىڭىز چۈشۈپ كەتسە ، بۇ خەتەرلىك سىگنالدۇر. راك ھۈجەيرىلىرى كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق خورىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇۋالىدۇ.
- چوڭ تەرەت ئادىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى: تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، دائىم تەرەت قىلغۇسى كېلىپ تۇرۇش، ئەمما تەرەت قىلغاندا چىقماسلىق، تەرەتنىڭ شەكلى تۇيۇقسىز ئىنچىكىلەپ كېتىشى (خۇددى قەلەمدەك) ياكى قەۋزىيەت بىلەن ئىچى سۈرۈشنىڭ نۆۋەت بىلەن كۆرۈلۈشى ئۈچەي راكىنىڭ ئەڭ تىپىك سىگناللىرىدۇر.
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى: ياش چەكلىمىسى تۆۋەنلىمەكتە
ئۈچەي راكى ئىلگىرى ياشانغانلار كېسىلى دەپ قارىلاتتى. ئەمما، 2024-يىلى 1-ئايدا «The Lancet Gastroenterology & Hepatology» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 50 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يىلىغا %1 تىن %2 كىچە ئۆسمەكتە. شۇنداقلا، 2024-يىلى ئاخىرىدا «JAMA Network Open»دا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر تەتقىقاتتا جەزملەشتۈرۈلۈشىچە، بالدۇر تەكشۈرتۈش (مەسىلەن 45 ياشتىن باشلاپ ئۈچەي ئەينىكى تەكشۈرتۈش) ئۈچەي راكىدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى %90 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىدىكەن. بۇ تەتقىقاتلار بىزگە ئۈچەي راكىنىڭ بارغانسېرى ياشلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بالدۇر تەكشۈرتۈشنىڭ ھاياتنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىنبىر ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟
ئۈچەي راكى — ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان راك تۈرىدۇر. ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
- يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش: تالا مىقدارى مول بولغان كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپ يېيىش؛ تۇزلانغان، كۆپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئازايتىش كېرەك.
- بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش: سېمىزلىك ئۈچەي راكىنىڭ ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ بىرى، شۇڭا مۇۋاپىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش زۆرۈر.
- دائىملىق ھەرىكەت قىلىش: ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇرا سىجىللىقتىكى ھەرىكەت (يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، تېز مېڭىش) قىلىش ئۈچەينىڭ لىقشىللىشىنى تېزلىتىپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.
- زىيانلىق ئادەتلەردىن ۋاز كېچىش: تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش ئۈچەي يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
- قەرەللىك تەكشۈرتۈش: 45 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەر 5-10 يىلدا بىر قېتىم مەقئەتتىن ئەينەك شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈش (Colonoscopy) ئارقىلىق ئۆسمە ۋەيا راك ئالدى باسقۇچىدىكى ئۆسمىلەرنى بايقاش ۋە ئېلىۋېتىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
ئۆز بەدىنىڭىزنىڭ سىگناللىرىغا قۇلاق سېلىڭ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ساغلاملىقنى قوغداش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت ۋە كۈچ — سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە قىلغان ئەڭ ياخشى مەبلىغىڭىزدۇر.


