ياشانغانلاردا نەپەس سىقىلىشى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ ھەم ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەردىن، ھەم بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەزىدە جىددىي داۋالاشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭمۇ بىر ئىپادىسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ياشانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
نەپەس سىقىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى
ياشانغانلاردا نەپەس سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قانچە ئاساسلىق سەۋەبلەر بار بولۇپ، بۇلارنى ئاساسلىقى ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
1. ئۆپكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر:
- سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسەللىكى (COPD): بۇ كېسەللىك ياشانغانلاردا نەپەس سىقىلىشىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ياكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- ئۆپكە ياللۇغى : باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئۆپكىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، نەپەس ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.
- زىققە: گەرچە بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ياش ۋاقىتتا باشلانغان بولسىمۇ، زىققە كېسەللىكى ياشانغاندا تۇنجى قېتىم قوزغىلىشى ياكى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
- ئۆپكە تىقىلمىسى (Pulmonary embolism): ئۆپكە ئارتېرىيەسىنىڭ قان ئۇيۇۋىلى تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىشى جىددىي نەپەس سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر:
- يۈرەك زەئىپلىشىش : يۈرەكنىڭ قان پومپىلاش ئىقتىدارى ئاجىزلىغاندا، ئۆپكىدە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىپ، نەپەس سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىك ھەرىكەت قىلغاندا ياكى تىنچ تۇرغاندا نەپەس قىسىلسا، بۇ بەلكىم سول يۈرەك دالانچىسى ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
- تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش كېسەللىكى : يۈرەك مۇسكۇلىغا كېلىدىغان قان ئېقىمىنىڭ ئازىيىشى كۆكرەك ئاغرىقى ۋە نەپەس سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكى : يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇنىڭ پومپىلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ.
3. باشقا سەۋەبلەر:
- قان ئازلىق : قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ياكى گېموگلوبىننىڭ ئازىيىپ كېتىشى، بەدەنگە يېتەرلىك ئوكسىگېن يەتكۈزۈلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەس سىقىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
- تەشۋىشلىنىش ۋە روھىي بېسىم : روھىي جىددىيلىك تېز نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس سىقىلىش ھېسسىياتىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
- مۇسكۇل ئاجىزلىقى: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىمۇ نەپەس سىقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە تەۋسىيەلەر
ياشانغانلاردا نەپەس سىقىلىش كۆرۈلگەندە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
- دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش: ئەگەر نەپەس سىقىلىش تۇيۇقسىز باشلانسا، كۆكرەك ئاغرىقى، باش قېيىش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىللە كۆرۈلسە، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىش كېرەك ياكى شۇ زامان جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك.
- داۋالاش پىلانىغا رىئايە قىلىش: ئەگەر نەپەس سىقىلىش سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان بولسا، دوختۇرنىڭ داۋالاش پىلانىغا قەتئىي ئەمەل قىلىش، دورىلارنى ۋاقتىدا ۋە توغرا ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
- تۇرمۇش ئادىتىنى تەڭشەش:
- تاماكا تاشلاش: تاماكا چېكىش ئۆپكە ۋە يۈرەك ساغلاملىقىغا ئىنتايىن زىيانلىق، نەپەس سىقىلىشى بارلار چوقۇم تاماكىنى تاشلىشى كېرەك.
- مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش: دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يېنىك دەرىجىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، مەسىلەن ئاستا مېڭىش، نەپەسلىنىش مەشىقى قاتارلىقلار، يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
- ساغلام يېمەك-ئىچمەك: تۇز، ماي ۋە شېكەر مىقدارى تۆۋەن، كۆكتات-مېۋىلەرگە باي ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئومۇمىي سالامەتلىكنى ياخشىلايدۇ.
- بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش: ئارتۇق بەدەن ئېغىرلىقى يۈرەك ۋە ئۆپكىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش مۇھىم.
- مۇھىتنى ياخشىلاش:
- ھاۋا سۈپىتى: ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ساپ تۇتۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ھاۋا تازىلىغۇچ ئىشلىتىش قاتارلىقلار نەپەس يولىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىدۇ.
- مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك: ئۆي تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ساقلاش نەپەسلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ياشانغانلاردا نەپەس سىقىلىشى سەل چاغلاشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋال. بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سەۋەپلەرنى بالدۇرراق ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا ۋە توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.