1. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ياشانغانلار ئۇنىۋېرسال كېسىلى
ياشانغان كىشىلەردە پېنسىيىگە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە يالغۇزلۇق ھېس قىلىش ، تىت – تىت بولۇش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، ھەمىشە چارچاش ھېس قىلىش ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ ئادەتتە < پېنسىيە ئۇنىۋېرسال كېسىلى > دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل ئالامەتلەر كۆپىنچە دەم ئېلىشقا چىققان دەسلەپكى ئۈچ ئايدا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ .
كۆپ سانلىق كىشىلەردە بۇ ئالامەتلەر بىر يىلغىچە ئاستا – ئاستا يوقىلىدۇ . < پېنسىيە ئۇنىۋېرسال كېسىلى > نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ، پىسخىك جەھەتتە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
2 . قېرىش ۋە كېسەللىك
ياشانغان مەزگىلدە ئادەمنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋال ياشانغانلارنىڭ پىسخىك ھالىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ئەقلىي ۋە جىسمانىي چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ ، پىسخىك ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
3 . ئائىلە ۋە شەخسىي مۇناسىۋەت
تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ئىناق بولغان ئائىلە مۇھىتى ، ياشانغان ئەر – ئايالۆرنىڭ ئۆزئارا كۆيۈنۈشى ، پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ياشانغانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن . ناچار بولغان ئائىلە مۇھىتى ياشانغانلاردا تىت – تىت بولۇش ، غەم قىلىش ، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش ، ئارىسالدى بولۇش قاتارلىق ناچار پىسخىكىلىق ھالەت پەيدا قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ .
4 . جىسمانىي ھەرىكەت ۋە كىشىلىك ئالاقە
ياشانغانلار پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئېغىر – يېنىك ئىشلارنى زىيادە كۆپ قىلسا ۋە مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ . شۇڭا ھەرقانداق ئىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۆزىنى ئوبدان ئاسرىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە سىرت بىلەن باردى – كەلدى قىلىشنى مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلىش كېرەك