- بوۋاقنى ئامال بار ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك.
- ئالتىنجى ئايدىن كېيىن ئاندىن قوشۇمچە تاماقلارنى بېرىش كېرەك
- ئانا سۈتى بولمىسا ئامال بار ئىشەنچلىك سۈتى پاراشوكى بېرىش كېرەك. بىر ياشتىن كىچىك بالىلارغا ئامال بار كالا سۈتى بەرمەي تۇرۇش لازىم.
- بالا بىر ياشتىن كىچىك بولسا ھەسەل بەرمەڭ
- يېڭى تۇغۇلغان ئانا سۈتى ئىچىۋاتقان بوۋاقلارغا ۋىتامىن د ۋە تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
- ئالتىنجى ئايدا قوشۇمچە يېمەك باشلىغان تەقدىردىمۇ ئانا سۈتىنى 1 ياشقىچە داۋام قىلىڭ.
- قوشۇمچە يېمەك باشلىغاندا كۆپ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ بەرمەڭ. تاق تۈر بىلەن باشلاڭ. ئاي يېشى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋۋال بۇغداي گۈرۈچ شويلىسىتۈردىكى، ئاندىن مىۋە كۆكتات، ئاندىن گۆش تۈردىكى ئەڭ ئاخىرىدا تۇخۇم تۈرىدىكىلەرنى قوشۇڭ.
- يېڭى تۇغۇلغاندا، 1،2،4،6،9،12.. ئايلاردا مەھەللە ساقلىق پونكىتىغا ياكى بالىلار دوختۇرىغا كۆرسىتىپ تۇرۇڭ.
- بوۋاقنىڭ ۋاكسىنىلىرىنى ۋاقتىدا ئۇرغۇزۇپ تۇرۇڭ.
- كىلو ئېغىرلىقى، باش ئايلانمىسى، بوي ئىگىزلىكى نى ھەر ئايدا ئۆلچەپ يېزىپ تۇرۇڭ
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
+1
1
+1
+1
+1
+1
+1