بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا ، ئۇلار تاماق يىگەندە ئۇياق–بۇياققا قاراپ تاماقنى يىگىلى ئۇنىمايدۇ . ئاتا–ئانىلار بۇ چاغدا بالىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي ، ئۇنى ئالدىراش ، ئۇنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىر نەچچە قوشۇق تاماقنى ئارتۇق يىگۈزۈشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك .
بالا تاماق يەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەتىراپىدا تۇرۇپ ۋاراڭ–چۇرۇڭ قىلماسلىقى ، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىكى كېرەك . چۈنكى بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ دىققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تاماققا رايى بارمايدۇ .
ئادەم قورسىقى ئاچقاندا تاماقنى ھوزۇرلىنىپ يەيدۇ . ئاتا–ئانىلار بالىلارغا قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، قەرەللىك تاماق بېرىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك . بالا تاماقنى كۆپ يىمىسە ، مەجبۇرىي يىگۈزمەستىن ، كېيىنكى قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك . بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى ئازلاپ كەتسىمۇ ، كېيىن بالىدا ياخشى تاماق يىيىش ئادىتى يېتىلىدۇ .
مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى