ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقيېڭى لازىنىڭ ئالتە چوڭ پايدىسى بار

يېڭى لازىنىڭ ئالتە چوڭ پايدىسى بار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېڭى لازا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە B ئائىلىسىدىكىۋىتامىن، كاروتىن ھەمدە كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ. ھازىر بار بولغانكىتابلار ۋە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لازا تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان:

1. ئۈچەي يولى ياللۇغىنى تىزگىنلەش.

لازىنى مۇۋاپىق يەپ بەرگەندە ئاشقازاننى ئىللىتىپ سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. لازا تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كاپزائىتسىن ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئۈچەي يولىئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچەي يولى ياللۇغىنى تىزگىنلەيدۇ.

2. يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ياخشىلاش.

كاپزائىتسىن قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇزۇن مۇددەت كاپزائىتسىننىڭ يېمەك-ئىچمەككە ئارىلىشىشى، ئىچكى تېرىگە تايىنىدىغان قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدىكەن، بۇ لازىنىڭقان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. يەنە تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، لازاخولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، خەتەرلىك قان نوكچىسى ھاسىل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن.

3. ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

يېڭى لازاتەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەركىن رادىكالغا قارشى تۇرىدۇ، تېرىگە بەلگىلىك پايدىسى بار.

4. ئورۇقلاشقا ياردىمى بار.

كاپزائىتسىن ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش ۋە سەمىرىپ كېتىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدۇ.

5. راكقا قارشى تۇرۇش.

2016-يىلى «سۈت بېزى راكى: نىشان ۋە داۋالاش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كاپزائىتسىن سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. 2017-يىلى، ئامېرىكا كوننېكتىكات ئىشتاتى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە،لازىنى مۇۋاپىقيېگەندە ئۈچەي يولى ئۆسمىسىنى تىزگىنلەپ، بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. 2019-يىلى، ئامېرىكا مارشال داشۆسىنىڭتەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كاپزائىتسىن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى توسۇش رولىغا ئىگە ئىكەن.

6. مىكروب ئۆلتۈرۈپ ئاغرىق توختىتىش.

كاپزائىتسىننىڭ يەنە نۇرغۇن دورىلىق رولى بار، مەسىلەن: ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى توختىتىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئۈششۈكنى داۋالاش ۋە رېماتىزمنى يوقىتىش قاتارلىقلار. كىلىنىكىدىكى بەزى ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭتەركىبىدە كاپزائىتسىن بار.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-06-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-30 / 12:46:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ