ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەر تەم سەزگۈسىنى قانائەتلەندۈرىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، كىشىلەردە بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن ھەممىلا ئادەم ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، بولمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ياكى كېسەللىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.

ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

1. ئاغرىق توختىتىش

ئاچچىق يېمەكلىكلەر تەرلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، مۇسكۇل ئاغرىقى ۋە تېلىپ ئاغرىش سېزىمىنى پەسەيتىپ، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىكى كاپزائىتسىن نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاغرىق سېزىمىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

 

2. تېرە ھالىتىنى ياخشىلاش

ئاچچىق يېمەكلىكلەر ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، تېرە مەسىلىسىنى پەسەيتىدۇ. بىراق يۈزىگە دانىخورەك چىقىدىغانلار ئامال بار مۇچنى ئاز يەپ، دانىخورەكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىق يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

 

3. ئاشقازاننى ئىللىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەش

ئاچچىق يېمەكلىكلەر تال ۋە ئاشقازاننى ئىللىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئەگەر سوغۇقتىن بولغان ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىش ۋە قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇچنى مۇۋاپىق يەپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىق يېمەكلىكلەرمۇ پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇر مەنبەلىك باش ئاغرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەسەيتىدۇ.

 

قايسى خىل كىشىلەر ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ؟

1. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن بىمارلار

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن بىمارلاردا قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى كۈچىيىپ، يۈرەك سوقۇش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن يۈرەك سوقۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ، يۈرەك سېلىش، قول ئىختىيارسىز تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كېسەللىك ئېغىرلىشىدۇ.

 

2. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ۋە قەۋزىيەت بولغانلار

ئاچچىق يېمەكلىكلەرنىڭ بەلگىلىك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بار، ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بارلار يەنىلا ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېسە، ئاغرىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، يارا يۈزىنىڭ كېڭىيىپ، ساقىيىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، گېموروي ۋە قەۋزىيەت بىمارلىرى ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ، بولمىسا گېموروي ۋېناسىغا قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئىششىقنى پەيدا قىلىپ، كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا مەقئەت يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

3. ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى بىمارلىرى

مەيلى ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ياكى قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى بولسۇن، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا شىللىق پەردىگە قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئىششىقنى غىدىقلاپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

4. كۆز كېسەللىكلىرى بىمارلىرى

كۆز قىزىرىش كېسىلى ۋە مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى رەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا قاپاق ئىششىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆز بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ، گىلاۋكوما پەيدا بولىدۇ.

 

5. دورا ئىچىۋاتقان كىشىلەر توپى

ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر بەزى دورىلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى يوقىتىپ، كېسەللىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 

6. يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بىمارلىرى

ئاچچىق، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كاپزائىتسىن بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك سوقۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، بۆرەكنى غىدىقلاشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

7. ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى بىر قەدەر كۆپ بولغان كىشىلەر

ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆت سانجىقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

گەرچە ئاچچىق، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر تەم سەزگۈسىنى قانائەتلەندۈرەلىسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى بىر قانچە تۈردىكى كىشىلەر چوقۇم ئېزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/18996694.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-30 / 11:16:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ