ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشيۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاپ ساقايتىش نېمە ئۈچۈن تەس؟

يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاپ ساقايتىش نېمە ئۈچۈن تەس؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشنىڭ قىيىن نۇقتىسى نېمە؟

ئىگىلىنىشىچە، داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىم (难治性高血压) دېگىنىمىز، بىمارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئاساسىدا ئۈچ خىل قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، قان بېسىمى يەنىلا 140/90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ۋە سېمىزلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى كۆپەيدى، قان بېسىمنى ياخشى كونترول قىلمىغاچقا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم خەتەرلىك ئامىلغا ئايلىنىپ، ئۇزۇندىن بۇيان يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش ساھەسىدىكى بىر چوڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى.

ئامېرىكىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىچىدە داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى (دورا مىقدارى كەمچىل، بېقىندىلىقى ياكى تاشقى قان بېسىمى سانلىق مەلۇماتى كەمچىل بولغان داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) %19.7غا يېتىدىكەن. ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى بىلەن يۇقىرى قان بېسىمى قوشۇلۇپ كەلگەن بىمارلار ئىچىدە ساقايتقىلى بولمايدىغان يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، %30 تىن ئاشىدۇ.

داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، قان بېسىمىنى ئۆلچەشنىڭ قېلىپلاشماسلىقى دائىم قان بېسىمى سەۋىيەسىگە ھۆكۈم قىلىشنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دورا ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولماسلىق (دورا مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك، بىرلەشمە داۋالاش لايىھەسى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىقلار بىمارلارنىڭ داۋالاشقا ماسلىشالماسلىقى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمنى تەكشۈرۈشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ كېسەللىككە دىياگنوز قويۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.

داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

قان بېسىمىنى باشقۇرۇشتا قېلىپلاشقان دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تەرتىپى بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى ئورتاق تونۇشتا داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىمىنى باشقۇرۇش نىشانى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈلدى، داۋالاش ئۆيى ۋە كېسەل كۆرۈش ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى قان بېسىمىنى ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، داۋالاش تەس بولۇشنى بېكىتىش كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمنىڭ قان بېسىم سەۋىيەسى، قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك، مۇقىم كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ؛ قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنى، جۈملىدىن كەيپىيات، پىسخىكىلىق بېسىم ۋە ئۇيقۇ ئامىلىنىڭ تەسىرىنى باھالاش ۋە ئارىلىشىش كېرەك.

قان بېسىمى ۋاستىچى بولغان نىشان ئەزالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە كلىنىكىلىق كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالاش كېرەك؛ دورىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى قان بېسىمغا دىققەت قىلىش، دىياگنوز قويۇش جەريانىدا قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن توختىتىش ياكى ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك؛ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى داۋالاش، جىنسىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك؛ داۋالاشنىڭ بېقىندىلىقىنى باھالاپ، بېقىنماسلىق قىلمىشىنى تۈزىتىش؛ قان بېسىمىنى باھالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى باھالاپ، كېسەللىكنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى كۈچەيتىش؛ قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك، مۇقىم كونترول قىلىدىغان دورا ۋە داۋالاش لايىھەسى ئارقىلىق بىمارنىڭ قان بېسىمىنى كونترول قىلىش كېرەك.

يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش

يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بۆرەك ئارتېرىيەسى ئېرىش نېرۋىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى (RDN) ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش ساھەسىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى. RDN ئارقىلىق داۋالاش يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان بىر خىل مىكرو زەخىملىك داۋالاش تېخنىكىسى بولۇپ، بۇ تېخنىكىدا رادىيو چاستوتىسىنى ئېرىتىش، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا ئېرىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۆرەك ئارتېرىيەسىنىڭ سىرتقى پەردىسىگە جايلاشقان بۆرەك سىمپاتىك نېرۋىسىنى توسۇشقا بولىدۇ، بۇ يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بىر قاتار RDN داۋالاش كونترول تەتقىقاتى RDNنىڭ قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ياخشى بولمىغان ۋە داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، قان بېسىمنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/25788216.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-14 / 09:20:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ