ئىشتىھاسىزلىق 10ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىى بولۇپ ، ئۇ ئومومەن كېسەللىك ئالامىتىدىن باشقا ، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى ۋە بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى مىكرو ئېلېمىنتلارنىڭ كەم بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇڭا ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دېققەت قىلىش لازىم :
1. تۇرمۇشى رېتىملىق بولۇپ ، ھەر كۈنى ۋاقتىدا تاماق يېيىشى ۋە تاماقنى باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە يېيىشى لازىم .
2.بالىلارغا گۆش ۋە كۆكتات ئارلاشقان تاماق بەرگەندە ، ئۇلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .
3.تاماقنى خوشال -خورام ۋە تېنىچ مۇھىتتا يېيىشى ، ئۇلارنى ئالداش ، قورقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقلىق تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىماسلىقى ، تاماق ۋاقتىدا ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تىللىماسلىق ، ئۇرماسلىق لازىم . ئۇلار قانچە جىددىيلەشسە تاماقنى شۇنچە ئاز يەيدۇ .
4. تاماقنى بالا چارچىغاندا ئەمەس ، بەلكى قورسىقى ئاچقاندا بېرىش لازىم .
5.بالا تاماقنى ياخشى يىگەندە مۇۋاپىق ماختاپ قويۇش كېرەك ، تاماق يىمەي تۇرۇۋالغاندا شۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەككى ، بەزى بالىلار تاماق يىمەي تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق چوڭلارنىڭ دېققىتىنى قوزغايدۇ ، بولۇپمۇ ئۇلار خاپا بولغاندا ياكى خەتەرلىك تۇيغۇ بولغان شۇنداق قىلىدۇ .
6.تاماق تۈرىنى ئۆزگەرتىش ئارقلىق ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش لازىم ، بولۇپمۇ تاماقنىڭ تەمىگە ئېتىبار بېرىش، بالا گۆش يېيىشنى خالىمىسا ، جۇۋاۋا ، ياكى چۆۋۈرە قىلىپ بېرىش ، بېلىق يىمىسە بېلىق كۇمۇلىچى قىلىپ بېرىش لازىم .
7.بالا ئۇسساپ كەتسە تاماقنى ئاز يەيدۇ . بىراق تاماق يىيىشتىن ئاۋۋال ئىچىملىك بىلەن قورسىقىنى تويدۇرۋېلىشقا يول قويماسلىق لازىم
8.خۇرۇچى كۆپ ۋە تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ بەرمەسلىك لازىم . تاتلىق-تۇرۈملەرنى ئامال بار ئاز بېرىش ، ساغلام بالىلارغا ئادەتتە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يىمەكلىكلىرىنى بەرمەسلىك لازىم .
9.مىكرو ئېلېمېنتلار كەم بولۇشتىن ئىشتىھاسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ئۇلارنى دورا بېرىش ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى يىمەكلىك ئارقىلق تولۇقلاش لازىم .
10.بالا ئاغرىپ قالغاندا ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز -ئازدىن كۆپ قېتىم بېرىش كېرەك . مەسىلەن تاماق يېيىشنى خالىمىغاندا زورلىماي بىردەم تۇرغۇزۇپ ئاندىن بېرىش ، ئىچ سۈرۈپ ياكى قىززىپ قالغاندا قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈش لازىم .