ئاپولىپوپروتېئىن قاندىكى ياغلارنى باغلاپ تۇرىدىغان بىر تۈردىكى ئاقسىل. نورمالدا ياغلار سۇدا ئېرىمەيدۇ، شۇڭا بەدەننىڭ بەزى قىسىملىرىغا ئاسانلىقچە كىرەلمەيدۇ. بۇ ئاقسىل قاندىكى مۇھىم ياغلارنى باغلاپ، مېڭە، لېمفا يوللىرىغا ۋە بەزى توقۇلمىلارنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ شۇ جايدىكى مېتابولىزىم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ياردەم قىلىدۇ.



