كۆكرەكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بەز. مەركىزى لېمفا ئورگىنى دەپمۇ قويىمىز. لېمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ پىشىپ يىتىلىشى، تاللىنىش، ۋە ئەتراپتىكى لېمفا ئورگانلىرىغا (لېمفا تۈگۈنلىرى، ئاڭگىنا بېزى، تال قاتارلىقلار) ھەم لېمفا توقۇلمىلىرىغا، لېمفا كىچىك تۈگۈنچەكلىرىگە T لېمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئەۋەتىش رولىغا ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت تۆش بېزىنىڭ ئىچكى ئاجراتما رولى بار.





