خلور، ناترىي بىلەن بىرلىشىپ تۇزنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەم بەدىنىدە بولسا، ناترىي ۋە باشقا ماددىلارغا ئوخشاش ئادەم بەدىنى سۇيۇقلۇقى ۋە ھۈجەيرىلىرىدىكى ئېلېكترولىتنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
خىلور ( Chlorine ) نىڭ خىمىيەلىك بەلگىسى Cl بولۇپ، مېتاللوئىد ئېلېمېنت، گالوگېنلار گۇرۇپپىسىدىكى ئېلېمېنتقا تەۋە، كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە.
خلور نورمال تېمپېراتۇرا ۋە نورمال بېسىمدا سارغۇچ يېشىل رەڭلىك گاز بولۇپ، ئۆتكۈر زەھەرلىك. ئۇنى كارل ۋىلھېم شېللېر تۇنجى قېتىم بايقىغان. بارلىق ئېلېمېنتلار ئىچىدە خلور ئەڭ يۇقىرى ئېلېكترونلۇق بىرىكىش كۈچىگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاۋلىڭ ئېلېكتر مەنپىيلىكى ئىچىدىكى ئۈچىنچى يۇقىرى مەنپىيلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئېلېمېنت بولۇپ، ئوكسىگېن ۋە فتوردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
خىلور بىرىكمە ھالەت شەكلىدە تەبىئەت دۇنياسىدا كەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خلور ئېلېمېنتىنىڭ ئاساسلىق يېمەك – ئىچمەك مەنبەسى ئاش تۇزى، يەنى ناترىي خلورىد. خىلور ئېلېمېنتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ يۇقىرى قويۇقلۇقى مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت. ئۇ بەدەندە ئوسموس بېسىمىنى تەڭشەش، ئاشقازان كىسلاتاسىنى بىرىكتۈرۈش ۋە كىسلاتا – ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
خلور گازىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، سۇنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا دېزىنفېكسىيە دورىسى قىلىنىدۇ، شۇنداقلا سۇلياۋ، قەغەز، توقۇلما بۇيۇم ۋە نۇرغۇن ئائىلە تازىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىنىش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، خلور ئاقارتىش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىلور بىرىكمىلىرى، مەسىلەن، ناترىي خىلورىد ( ئاش تۇزى )، كالىي خىلورىد قاتارلىقلار بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، گەرچە خىلور ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زەھىرى بولغاچقا، ئېھتىيات بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى خىلور گازىدا ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ساغلاملىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر ئادەتتە تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئارقىلىق خىلور بىلەن ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىدۇ، چۈنكى خىلور تۇرۇبا سۈيىنى دېزىنفېكسىيەلەش جەريانىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى ھېسابلىنىدۇ.