تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر ئەپەندىم، سالامەت تۇرۇپسىز.
بىزنىڭ مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش ئوچىغىدىكى دوختۇرىمىز بىز بىلەن ئانچە كارى يوق. ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە تەپسىلىي سورىمايلا چوڭ دوختۇرخانىغا بارغىن دەپلا چىقىرۋېتىدۇ. بىزدەك چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامدىغاندۇ؟ بۇ ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.
ياخشىمۇسىز دوختۇر ئەپەندىم، سالامەت تۇرۇپسىز.
بۇ مەسىلىگە تۆۋەندىكى 4 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ تۇرۇپ قارىساق بولىدۇ. مەيلى قايسى دۆلەتتە بولۇڭ، دوختۇرنىڭ بىمارغا بولغان پوزىتسىيىسى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.
تىل مەسىلىسى، بىر بىرىنى چۈشىنەلمەسلىك
شۇ ۋاقىتتىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى ئىش يۈكى مەسىلىسى
بىمارنىڭ پوزىتسىيىسى مەسىلىسى
دوختۇرنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى شۇنداق ۋەيا كەسپىي ئەخلاق مەسىلىسى
بۇ نۇقتىلارنى مەن تۆۋەندىكى ۋىدىئودا تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇردۇم. ۋاقتىڭىز چىققاندا كۆرۈپ بېقىڭ.