ناترىي، بىز كۈندىلىك يەۋاتقان تۇزنىڭ مۇھىم تەركىبى. ناترىي ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ماددا بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال پائالىيەت قىلىشى ئۈچۈن ناترىي كەم بولسا بولمايدۇ. يەنىي ناترىي بولمىسا ئادەم بەدىنى كاردىن چىقىدۇ.
ناترىي ( Na ) بىر خىل مېتال ئېلېمېنت بولۇپ ،ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى ئۈچىنچى دەۋر ،بىرىنچى A گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان ،ئىشقارلىق مېتالغا تەۋە.
ناترىي بىر خىل يۇمشاق، كۈمۈش رەڭلىك مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە قاتتىق جىسىم، ئۇنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن ئاكتىپ بولۇپ، سۇ بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ناترىي ھىدروكسىد ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ھىدروگېن گازى قويۇپ بېرىدۇ. ئۆلچەملىك ئەھۋالدا ناترىينىڭ ئېرىش نۇقتىسى 97.72 ℃، قايناش نۇقتىسى 883 ℃ بولىدۇ. ناترىي تەبىئەت دۇنياسىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى تۇز شەكلىدە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز – ئوكيانلارغا تارقالغان، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇل ۋە نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
ناترىينىڭ نامى لاتىن تىلىدىكى «Nitre» دېگەن سۆزدىن كەلگەن.بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ناترىي كاربونات بولۇپ، ئازوتنىڭ ئېلېمېنت بەلگىسى بولغان Uڭق1مۇ مۇشۇ يەردىن كەلگەن.چۈنكى بۇ سۆز قەدىمكى دەۋردىكى يازما ماتېرىياللاردا دائىم ناترىي نىترات ياكى سېلىترانى كۆرسىتىشتە قوللىنىلغان. ناترىينى ئەنگلىيە خىمىيە ئالىمى Humphry Davy 1807 – يىلى ناترىي ھىدروكسىدنى ئېلېكترولىزلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئايرىپ چىققان.
سانائەتتە ناترىي سوپۇن ۋە قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، يەنە ھەر خىل خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، كىر چىقىرىش دورىسى، سۇنى بىر تەرەپ قىلىش دورىسى ۋە دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ناترىي يەنە قېتىشما ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ناترىي – كالىي قېتىشمىسى، بۇ خىل قېتىشما سانائەتتە دائىم سوۋۇتقۇچ قىلىنىدۇ. فىزىئولوگىيە جەھەتتە، ناترىي ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە ئوسموس بېسىمىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئېلېكترولىت بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى نېرۋىلارنىڭ يەتكۈزۈشى ۋە مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ناترىي تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان ئېلېمېنت، ئۇ يەر شارىدىكى ئەڭ مول ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت.