1981 يىلى 6 ئايدا ، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى پۈتۈن دۇنياغا 5 دانە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان ھەم بۇ كېسەللىككە “ئېرىشمە ئىممۇنىت كەمچىللىك يىغىندى كېسەللىكلىرى ” دەپ
يېقىنقى يىللاردا راك كېسىلى كىشىلەرنى قاتتىق سارامىسىگە سېلىۋاتقاندا ، بۇ قورقنۇچلۇق كېسەل پەيدا بولدى . راككا قارىغاندا ئەيدىز تېخىمۇ قورقنۇچلۇق ئىدى .
بىرىنجىدىن ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشى ناھايىتى تېز ، راك دەل ئەكسىچە ، باشقىلارغا تارقالمايدۇ .
ئىككىنجىدىن ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ، ھازىرچە 100% دېسەكمۇ بولىدۇ . نۆۋەتتە تامامەن ساقايغان دىگەن دوكلاتلار بارماق بىلەن سانىۋالغىلى بولىدۇ . راكنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ ، لېكىن داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ، بالدۇر بايقالغان راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقايتىش ئېھتىماللىقىغا ئېگە بولۇۋاتىدۇ .
ئۈچىنجىدىن داۋالاش جەھەتتە ، ئەيدىز كېسىلىگە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تېخى چىقمىدى . ئوپىراتسىيە بىلەنمۇ داۋالىغىلى بولمايدۇ . لېكىن راكنى ئوپىراتسىيە ھەم باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كونترول قىلغىلى ھەم داۋالىغىلى بولىدۇ .
تۆتىنجىدىن ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا بولغان تەسىرى ، ئەيدىز ۋىرۇسلىرى بالىياتقۇ ھەم تۇغۇش جەريانىدا ئانىدىن بالىغا يۇقۇملاندۇرلۇپ قېلىنىدۇ . ھەتتە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئانا بالىنى ئىمىتىش جەريانىدا بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ، راك كېىسلى ئېرسىيەت ئامىلى بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ لېكىن بۇ تېخى مۇقەررەر ئەمەس .
شۇڭلاشقا ئەيدىز كېسىلى راكتىن قورقنۇچلۇق بولۇشى تۇرغانلا گەپ . يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئەيدىز كېسىلى 21 ئەسىر كىشىلىرىگە بولغان ناھايىتى قاتتىق بىر سىناق .
1996 يىلى تۈمەنلىگەن ئادەم ۋاشىنگىتونغا يىغىلىپ ئەيدىز سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن كىشىلەرگە ماتەم تۇتتى