ھەر يىلى 21-مارت دۇنيا دوۋن يىغىندى ئالامەتلىرى كۈنى بولۇپ، بۇ بىرلىككە كەلگەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2012-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارالىق خاتىرە كۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈننى تەبرىكلەشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، داۋن يىغىندى ئالامىتى بار كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى، جەمئىيەتكە قوشۇلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى قوغداش ھەققىدىكى ئومۇمىي تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ ئالاھىدە كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، داۋن يىغىندى ئالامىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ياشىشىغا ياردەم بېرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
دۇنيا دوۋن يىغىندى ئالامەتلىرى كۈنى
World Down Syndrome Day
世界唐氏综合症日
( بەزىلەر داۋن سېندرومى، داۋن يىغىندىك كېسەللىكلىرى دەپمۇ ئاتايدۇ. )
بۇ كۈن ھەققىدە
21-مارتنىڭ تاللىنىشىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىسى بار. داۋن يىغىندى ئالامىتى 21-جۈپ خروموسومنىڭ ئادەتتىكى ئىككىدىن ئارتۇق، يەنى ئۈچ نۇسخا بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ كېسەللىكنىڭ خروموسوم ئالاھىدىلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.
بۇ كۈندىكى پائالىيەتلەر كۆپ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، «نۇرغۇن پايپاقلار» (Lots Of Socks) پائالىيىتى ئەڭ كەڭ تارقالغانلارنىڭ بىرى. كىشىلەر ھەر خىل رەڭدىكى ياكى ماس كەلمەيدىغان پايپاقلارنى كىيىش ئارقىلىق، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزگىچە ۋە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئوخشىماسلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە ھۆرمەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
خەلقئارا داۋن يىغىندى ئالامىتى تەشكىلاتى (Down Syndrome International) ھەر يىلى بىر باش تېما ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن، 2025-يىلىدىكى چاقىرىق «قوللاش سىستېمىمىزنى ياخشىلايلى» بولۇپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ داۋن يىغىندى ئالامىتى بار كىشىلەر ۋە باشقا مېيىپلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى قوللاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
داۋن يىغىندى ئالامىتى بىر كېسەللىك ئەمەس، بەلكى ئىرسىيەتتىكى بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋال. توغرا قوللاش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق، داۋن يىغىندى ئالامىتى بار كىشىلەرمۇ نورمال ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ۋە جەمئىيەت ھاياتىغا تولۇق ئارىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى، قىزىقىشلىرى ۋە ھېسسىياتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئايرىم كىشى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىشى تولىمۇ مۇھىم.
دوۋن كېسىلى توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
تېخىمۇ كۆپ تىببىي ساغلاملىق خاتىرە كۈنلىرى ۋە بايراملارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
دۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرى بايراملار تىزىملىكى
https://dohturlar.com/dunya-saghlam-kesel-xatire-kunliri-tizimliki