ئانا سەھىپەتۇرمۇشبايراملار ۋە كۈنلەردۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرى بايراملار تىزىملىكى

دۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرى بايراملار تىزىملىكى

بىر يىل ئىچىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ھەر خىل ساغلاملىق تېمىلىرىغا بېغىشلانغان ئالاھىدە خاتىرە كۈنلىرى بېكىتىلگەن. بۇ كۈنلەر پەقەت بىر كالېندارنىڭ ۋارىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى مۇھىم بىر ساغلاملىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئاڭنى ئۆستۈرۈش، بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھەممىنى ھەرىكەتكە ئۈندەيدىغان مۇھىم بىر سۇپىدۇر.

دوختۇرلار تور بېكىتىمىزنىڭ بۇ سەھىپىسىدە، سىز ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ساغلام جەمئىيەت قۇرۇش يولىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىققا ئاۋاز قوشۇشى ئۈچۈن، بۇ مۇھىم خاتىرە كۈنلەرنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكىنى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى تەييارلاپ چىقتۇق.

ساغلاملىق ۋە كېسەللىكلەرگە ئائىت دۇنياۋى خاتىرە كۈنلىرىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

ۋاقتى خاتىرە كۈنلەرنىڭ ئىسمى
يانۋار / قەھرىتان
ھەريىل يانۋار / قەھرىتاننىڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنى
 
دۇنيا ماخاۋ كېسىلىدىن ساقلىنىش كۈنى (جۇزام، لېپرا)

World Leprosy Awareness Day
««ماخاۋ كېسىلىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
 
فىۋرال / ھۇد 4
( 2.ئاينىڭ 4.كۈنى )
 
دۇنيا راك كۈنى
World Cancer Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
مارت / نەۋرۇز
ھەريىلى نەۋرۇز ئېيىنىڭ
ئىككىنجى پەيشەنبىسى
 
دۇنيا بۆرەك كۈنى
World Kidney Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
مارت / نەۋرۇز 21
( 3.ئاينىڭ 21.كۈنى )
 
دۇنيا داۋن يىغىندى ئالامەتلىرى كۈنى
World Down Syndrome Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
مارت / نەۋرۇز 24
( 3.ئاينىڭ 24.كۈنى )
 
دۇنيا سىل كېسىلى كۈنى (تۇبىركۇليۇز)
World Tuberculosis Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئاپرىل / ئۇمۇت 2
( 4.ئاينىڭ 2.كۈنى )
 
دۇنيا ئاۋتىزىمدىن خەۋەردار بولۇش كۈنى
World Autism Awareness Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئاپرىل / ئۇمۇت 7
( 4.ئاينىڭ 7.كۈنى )
 
دۇنيا ساغلاملىق كۈنى
World Health Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئاپرىل / ئۇمۇت 17
( 4.ئاينىڭ 17.كۈنى )
 
دۇنيا قاناشقا مايىللىق كېسىلى كۈنى
World Hemophilia Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئاپرىل / ئۇمۇت 25
( 4.ئاينىڭ 25.كۈنى )
 
دۇنيا بەزگەك كېسىلى كۈنى
World Malaria Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئاپرىل / ئۇمۇت 28
( 4.ئاينىڭ 28.كۈنى )
 
دۇنيا خىزمەت بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىق كۈنى
World Day for Safety and Health at Work
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار 5
( 5.ئاينىڭ 5.كۈنى )
 
دۇنيا قول تازىلىقى كۈنى
World Hand Hygiene Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار 6
( 5.ئاينىڭ 6.كۈنى )
 
خەلقئارا يېمەكلىك كونترول قىلماسلىق كۈنى
International No Diet Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار ئېيى
بىرىنچى سەيشەنبە كۈنى
( 5.ئاينىڭ بىرىنجى سەيشەنبە )
 
دۇنيا زىققە كۈنى
World Asthma Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار 8
( 5.ئاينىڭ 8.كۈنى )
 
دۇنيا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە ھىلال ئاي كۈنى
World Red Cross and Crescent Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار 12
( 5.ئاينىڭ 12.كۈنى )
 
خەلقئارا مۇسكۇل ئاغرىقىلىق مېڭە-ئومۇرتقا ياللۇغى / سوزۇلما ھارغىنلىق يىغىندى ئالامىتى كۈنى
International ME/CFS Awareness Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار 12
( 5.ئاينىڭ 12.كۈنى )
 
خەلقئارالىق سېسترالار كۈنى
International Nurses Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار 18
( 5.ئاينىڭ 18.كۈنى )
 
دۇنيا ئەيدىز ۋاكسىنىسى خەۋەرلەندۈرۈش كۈنى
World AIDS Vaccine Awareness Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ماي / باھار 31
( 5.ئاينىڭ 31.كۈنى )
 
دۇنيا تاماكا چەكلەش كۈنى
World No Tabacco Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئىيۇن / سەپەر 8
( 6.ئاينىڭ 8.كۈنى )
 
دۇنيا مېڭە ئۆسمىسى كۈنى
World Brain Tumor Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئىيۇن / سەپەر 26
( 6.ئاينىڭ 26.كۈنى )
 
خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قانۇنسىز ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى
International Day against Drug Abuse and Illicit Trafficking
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئىيۇل / چىللە 28
( 7.ئاينىڭ 28.كۈنى )
 
دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى
World Hepatitis Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
سىنتەبىر / مىزان 10
( 9.ئاينىڭ 10.كۈنى )
 
دۇنيا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى
World Suicide Prevention Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
سىنتەبىر / مىزان 28
( 9.ئاينىڭ 28.كۈنى )
 
دۇنيا غالجىرلىق كېسىلى كۈنى
World Rabies Day
غالجىرلىق كېسىلى كۈنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى
 
ئۆكتەبىر / ئوغۇز 10
( 10.ئاينىڭ 10.كۈنى )
 
دۇنيا روھىي ساغلاملىق كۈنى
World Mental Health Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار 
ئۆكتەبىر / ئوغۇز 15
( 10.ئاينىڭ 15.كۈنى )
 
دۇنياۋى قول يۇيۇش كۈنى
Global Handwashing Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئۆكتەبىر / ئوغۇز 16
( 10.ئاينىڭ 16.كۈنى )
 
دۇنيا ناركوز كۈنى
world anesthesia day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئۆكتەبىر / ئوغۇز 16
( 10.ئاينىڭ 16.كۈنى )
 
دۇنيا يېمەك-ئىچمەك كۈنى
World Food Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئۆكتەبىر / ئوغۇز 20
( 10.ئاينىڭ 20.كۈنى )
 
دۇنيا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۈنى
World Osteoporosis Day
««مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
ئۆكتەبىر / ئوغۇز 22
( 10.ئاينىڭ 22.كۈنى )
 
خەلقئارالىق كېكەچلىك دۇدۇقلاشقا دىققەت قىلىش كۈنى
International Stuttering Awareness Day
«مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
نويابىر / ئوغلاق 12
( 11.ئاينىڭ 12.كۈنى )
 
دۇنيا ئۆپكە ياللۇغى كۈنى
World Pneumonia Day
«مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
نويابىر / ئوغلاق 14
( 11.ئاينىڭ 14.كۈنى )
 
دۇنيا دىئابېت كېسىلى كۈنى (شېكەر سىيىش كېسىلى)
World Diabetes Day
«مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
نويابىر / ئوغلاق 17
( 11.ئاينىڭ 17.كۈنى )
 
دۇنيا بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش كۈنى
World Prematurity Day
«مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
دىكابىر / كۆنەك 1
( 12.ئاينىڭ 1.كۈنى )
 
دۇنيا ئەيدىز كۈنى
World AIDS Day
«مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 
دىكابىر / كۆنەك 3
( 12.ئاينىڭ 3.كۈنى )
 
خەلقئارالىق مېيىپلار كۈنى
International Day of People with Disability
«مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار
 

 

يۇقارقى خاتىرە كۈنلەر دۇنياۋى ساقلىق ۋە كېسەللىكلەر خاتىرە كۈنلىرىدۇر. بۇلاردىن سىرت ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن خاتىرە كۈنلىرى بولىدۇ.بۇ خاتىرە كۈنلىرىنى بېكىتىشتىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ شۇ كېسەللىككە، ساغلاملىق ئەھۋالىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەسكەرتىش مەقسەت قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى تىزىملىكتىن كۆرۈۋالغىنىڭىزدەك، بۇ خاتىرە كۈنلىرى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ھەر قايسى ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار بىزگە ساغلاملىقنىڭ پەقەت شەخسنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ كۈنلەر تېبابەت ۋە ئاممىۋى سەھىيەدە قولغا كەلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، بىز يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى تونۇپ يېتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. توغرا بىلىمنى تارقىتىش، كەمسىتىش ۋە يالغان ئۇچۇرلارغا قارشى تۇرۇش، ھەمدە تېخىمۇ ياخشى ساغلاملىق سىياسەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىش بۇ خاتىرە كۈنلىرىنىڭ يادرولۇق روھىدۇر.

بىز بۇ سەھىپىنىڭ پەقەت بىر تىزىملىك بولۇپ قېلىشىنى ئەمەس، بەلكى سىز ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئىلھام بېرىدىغان بىر مەنبە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىز ياكى يېقىنلىرىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرەر كېسەللىك ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىڭ. بۇ بىلىملەرنى ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىڭ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ خاتىرە كۈنلىرىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ. كىچىك بىر ئادەتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى ئاددىي بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھاياتىڭىزدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمىزكى، گەرچە بۇ كۈنلەر كالېنداردا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ساغلاملىققا ئىنتىلىش ھەر كۈنلۈك سەپەردۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-16 / 12:51:05

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ