كۆزگە ئاق چۈشۈش
白内障, Cataract
بۇ كېسەللىكنىڭ ئۇيغۇرچە باشقا ئاتاشلىرى:
كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش, كۆز گۆھىرى دۇغلىنىش, كاتاراكت
بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى كۆز گۆھىرى دۇغلىنىش سەۋەبلىك، سىرتتىن قارىغاندا ئۆزنىڭ ئوتتۇرىدىكى قارا قىسىمغا ئاق چۈشۈپ قالغانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلى دەپ ئاتايدۇ.
كاتاراكت cataract ئىسمى لاتىنچە تىببىي سۆز بولۇپ، ئەسلى مەنىسى شارقىراتما بولۇپ، بۇ ھەم كۆزگە ئاق چۈشۈشكە ئوخشاتقان.
گلاۋكوما
青光眼, Glaucoma
بەزىلەر گلوكوم, گىلوكوما, گلوۋكوم, كۆز ئىچى بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش, كۆز بېسىمى يۇقىرىلاش كېسىلى مۇ دەپ ئاتايدۇ.
لاتىنچە تىلدىن كىرگەن تىببىي سۆزلۈك.
ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكىنىڭ بىر تۈرى. كۆز ئىچى بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش سەۋەبىدىن كۆز ئىچىدە ئىششىق پەيدا بولۇش، كۆز نېرۋىلىرىنى بېسىۋېلىش، نېرۋىلار يىگىلەش … پەيدا بولىدۇ. باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر ۋاقىتلاردا ئەما بولۇش خەتىرى بولىدۇ.
بۇ ئىككىلى كېسەللىك كۆپ ئۇچرايدىغان كۆز كېسەللىكلىرى. بەزى كىشىلەر ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ قايمۇقۇپ قالىدۇ.