ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركۆز كېسەللىكلىرىگلاۋكوما ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش (كاتاراكت) سېلىشتۇرما رەسىمى

گلاۋكوما ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش (كاتاراكت) سېلىشتۇرما رەسىمى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

 

كۆزگە ئاق چۈشۈش

白内障, Cataract

بۇ كېسەللىكنىڭ ئۇيغۇرچە باشقا ئاتاشلىرى:
كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش, كۆز گۆھىرى دۇغلىنىش, كاتاراكت

بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى كۆز گۆھىرى دۇغلىنىش سەۋەبلىك، سىرتتىن قارىغاندا ئۆزنىڭ ئوتتۇرىدىكى قارا قىسىمغا ئاق چۈشۈپ قالغانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلى دەپ ئاتايدۇ.

كاتاراكت cataract ئىسمى لاتىنچە تىببىي سۆز بولۇپ، ئەسلى مەنىسى شارقىراتما بولۇپ، بۇ ھەم كۆزگە ئاق چۈشۈشكە ئوخشاتقان.

گلاۋكوما

青光眼, Glaucoma

بەزىلەر گلوكوم, گىلوكوما, گلوۋكوم, كۆز ئىچى بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش, كۆز بېسىمى يۇقىرىلاش كېسىلى مۇ دەپ ئاتايدۇ.

لاتىنچە تىلدىن كىرگەن تىببىي سۆزلۈك.

ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكىنىڭ بىر تۈرى. كۆز ئىچى بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش سەۋەبىدىن كۆز ئىچىدە ئىششىق پەيدا بولۇش، كۆز نېرۋىلىرىنى بېسىۋېلىش، نېرۋىلار يىگىلەش … پەيدا بولىدۇ. باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر ۋاقىتلاردا ئەما بولۇش خەتىرى بولىدۇ.

 

بۇ ئىككىلى كېسەللىك كۆپ ئۇچرايدىغان كۆز كېسەللىكلىرى.  بەزى كىشىلەر ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ قايمۇقۇپ قالىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-05 / 09:43:48

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ