دورا ئىستېمال قىلىش ۋاقتى شۇ دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە ئەكس تەسىرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزى دورىلارنى ئاچ قورساققا ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى دورىلارنى بولسا قورساقنى تويغۇزۇپ ئىچىشكە ماس كېلىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى دورىنىڭ ئاشقازاندا پارچىلىنىپ ئۈچەيدە سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياكى ئەكس تەسىرىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
1.ئاچ قورساققا ئىچىلىدىغان دورىلار
ئاچ قورساق دورا ئىچىش تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن ياكى تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىن دورا ئىچىپ، يېمەكلىكنىڭ دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ ئاچ قورساق ھالەتتە سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىچسە، دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈش سۈرىتى ياكى سۈمۈرۈلۈش مىقدارىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
كۆپ ئۇچرايدىغان ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىشقا تېگىشلىك دورىلار:
ئانتىبىئوتىكلار (خەلىق تىلىدىكى ياللۇغ قايتۇرۇش مىكروپ ئۆلتۈرۈش دورىلىرى) :
پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەر ( مەسىلەن، ئاموكسىتسىللىن ، ئاموشىلىن ) : يىمەكلىكلەر پېنىتسىللىن دورىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ ۋە ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەمما ئاچ قورساق ئىچسە، ئىچى ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئېرىترومىتسىن : ئېرىترومىتسىن ماكرولىد تۈرىدىكى ئانتىبىئوتىكلارغا تەۋە بولۇپ، يېمەكلىكلەر بولسا دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىپ، دورا ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
قالقانسىمان بەز ھورمۇنى تۈرىدىكى دورىلار
سول قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ناترىي تابلېتكىسى ( Levothyroxine ) : قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا دورىنىڭ ئۈچەي يولىدا تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئاشقازان قوغداش ( پروتون پومپاسى تورمۇزلىغۇچى ) دورىلىرى
ئومېپرازول ( Omeprazole ) : ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش ۋە ئاشقازان يارىسىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان كىسلاتاسىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
فوسفودىئېستېرازا – 5 تورمۇزلىغۇچى دورىلار
سىلدېنافىل ( Sildenafil ) : قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ( مەسىلەن ۋىئاگرا ) نى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاچ قورساققا ئىچكەندە دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئۈنۈم بېرىش ۋاقتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
سۆڭەك شالاڭلىشىشقا قارشى دورىلار
ئاللېن ناترىي فوسفونات ( Alendronate ) : سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ دورىنى ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىپ ئەڭ ياخشى سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېمەكلىكنىڭ ئۇنىڭ رولىغا ناچار تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
دورا ئاشقازانغا بىۋاسىتە كىرگەچكە، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ بىئارام بولۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. قىسمەن دورىلار يېتەرلىك سۇ ئارقىلىق ئاشقازاننىڭ غىدىقلىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك، مەسىلەن، ناترىي ئاللېن فوسفونات بىر ئىستاكان سۇ بىلەن ماسلىشىشى ھەمدە دورا ئىچكەندىن كېيىن دەرھال تۈز يېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
2. توق قورساق ئىچىلىدىغان دورىلار
بۇ تۈردىكى دورىلار، تاماقتىن كېيىن دورا ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە دورىنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلىشىنى ئازايتىش ياكى دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر. بەزى دورىلار ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسانلا غىدىقلايدۇ، ئاچ قورساققا ئىچكەندە ئاشقازان بىئارام بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش ھەتتا يارا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا تاماقتىن كېيىن ئىچكەندە دورىلارنىڭ ناچار تەسىرلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان تويۇنۇپ توق قورساق ئىستېمال قىلىشقا تېگىشلىك دورىلار:
1) سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلار ( NSAIDs )
برۇفېن ( Ibuprofen ) : ئاغرىق توختىتىش ،ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، تويۇنۇپ ئىچكەندە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئاسپىرىن ( Aspirin ) : ئاز مىقداردىكى ئاسپىرىن قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن ئاسانلا ئاشقازان بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2) ستېروئىد دورىلار
پرېدنىزون ( Prednisone ) : ستېروئىد ھورمون تۈرىدىكى دورىلار ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، ئاچ قورساققا ئىچكەندە ئاشقازان ئاغرىقى ياكى ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا تاماقتىن كېيىن ئىچىش كېرەك.
3) قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار
مېتفورمىن ( Metformin ) : بۇ دورا 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئىچكەندە ئاشقازان – ئۈچەي يولىدىكى ناچار تەسىرلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ، مەسىلەن، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار.
4) تۆمۈر تولۇقلاش دورىلىرى
تۆمۈر سۇلفات ( Ferrous Sulfate ) : بۇ تۈردىكى دورىلار تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. تۆمۈر ياسالمىلىرىنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، تاماقتىن كېيىن ئىچكەندە ئاشقازان بىئارام بولۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
5) ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن
ۋىتامىن D ( Vitamin D ) : ۋىتامىن D ۋە باشقا ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ( مەسلەن:ۋىتامىن A E ،K ) ياغنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ، تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
قورساقنى تويغۇزۇپ ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قورساقنى تويغۇزۇپ ئىچكەندە، يېتەرلىك يېمەكلىك، بولۇپمۇ ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىش ياكى ئاشقازان – ئۈچەي يولىدىكى ناچار تەسىرلەرنى يېنىكلىتىش كېرەك. مايدا ئېرىشچان دورىلار ياكى تولۇقلىغۇچى دورىلارغا تەركىبىدە ماي بولغان يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، كالا سۈتى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ) نى ماسلاشتۇرسا بولىدۇ.
يۇقارىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئاچ قورساق ۋەيا توق قورساق ئىچىلىدىغان دورىلاردىن سىرت يەنە باشقا دورىلار تۈرلىرىمۇ بولىدۇ. دوختۇر رىتسىپ يازغاندا دورىنى قايسى ۋاقىتتا ئىچىش توغرىلىق مەسلىھەت ئېلىۋېلىش لازىم. دورا ئىچكەندە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە دورىغا مۇناسىۋەتلىك ئەكس تەسىرلەرنى ئازايتىدۇ.