ھەممىمىز سۆڭەكنىڭ بەدىنىمىزدىكى مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر دەماللىقتا بەدەندە قانچە تال سۆڭەك بارلىقىنى دىيەلمەسىلىكى مۇمكىن.
قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە 206 پارچە سۆڭەك بولىدۇ. بۇ سۆڭەكلەر ئۆز ئارا مۇسكۇللار، پەيلەر، كۆمۈرچەكلەر بىلەن تۇتىشىپ بەدەننىڭ ئىسكىلىت سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە 300 پارچە ئەتراپىدا, ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سۆڭىكى بولسا 217 پارچە ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ، بوۋاقلار تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ بەزى سۆڭەكلەر مەسىلەن ئومۇرتقىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قۇيۇمچاق سۆڭەكلەر ئۆز ئارا ئاستا ئاستا بىرلىشىپ كېتىپ، سان جەھەتتىن ئازلايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، بەدىنىدە 300 پارچە سۆڭەك بولغان بوۋاق، ئاستا ئاستا 217 پارچە سۆڭىكى بولغان بىر بالا ئايلىنىدۇ، ئاندىن قۇرامىغا يەتكەندە بەدەندىكى توپلام سۆڭەك 206 پارچە بولىدۇ.
بەدەندىكى سۆڭەكنىڭ تەركىبى نىمىلەردىن تۈزۈلىدۇ؟ قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ سۆڭىكىدە 20-25% سۇ، 35% بولسا ئورگانىك ماددا، 40-45% بولسا ئورگانىكسىز تۇزلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ ئورگانىكسىز تۇز دىگىنىمىز دەل شۇ كالتسىيدۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ماگنىي ۋە ناترىي، كالىيلارمۇ بولىدۇ. ئورگانىكسىز تۇزلار سۆڭەكنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئورگانىك ماددا قىسمى بولسا سۆڭەكنىڭ ئىلاستىكىلىق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. كىچىك بالىلاردا، بوۋاقلارنىڭ سۆڭىكىدە ئورگانىك ماددىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى سەل يۇقىرىراق بولغاچقا سۆڭىكى بىر قەدەر نازۇك، يۇمران بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ سۆڭىكىدە كالتسي يەنى ئورگانىكسىز تۇز تەركىبى ئازلاپ كەتكەچكە، ئاسان ئەگىلىدۇ، ھەم ئاسان سۇنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئەرلەرنىڭ سۆڭىكى ئاياللارنىڭ سۆڭىگىكە قارىغاندا كەڭرەك، قاتتىقراق ھەم ئېغىرراق بولىدۇ. ئەمما ئاياللار سۆڭىكىنىڭ سىرتقى يۈزى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ سىلىق بولىدۇ.
ئادەم بەدىنىكى سۆڭەكلەر چوڭ جەھەتتىن 3 بۆلەككە يەنى باش سۆڭەكلىرى، بەدەن سۆڭەكلىرى، تۆت ئەزا سۆڭەكلىرى دەپ ئايرىلىدۇ.
باش قىسىمدا 29 پارچە سۆڭەك ، بەدەن قىسىمدا 51 پارچە سۆڭەك، تۆت ئەزا يەنى پۇت قول قىسىمدا 126 پارچە سۆڭەكتىن تەركىپ تاپىدۇ.
سۆڭەكلەرنى شەكلىگە قارىتا 5 تۈرگە ئايرىغىلى بولىدۇ. ئۇزۇن سۆڭەك ، قىسقا سۆڭەك ، ياپىلاق سۆڭەك ، قىلىپسىز سۆڭەك ۋە ئۇرۇقسىمان سۆڭەك. بەدەننىڭ ئوخشىمىغان يېرىدە ئوخشىمىغان شەكىلدىكى سۆڭەكلەر بولىدۇ.
ئۇزۇن سۆڭەكلەر كۆپىنچە بىلەك، پاچاق، بارماقلاردا بولىدۇ.
قىسقا سۆڭەكلەر كۆپىنچە ئالقان ۋە تاپان قىسىمدا بولىدۇ.
ياپىلاق سۆڭەكلەر بولسا باشتىكى سۆڭەكلەر، قوۋۇرغا، تاغاق سۆڭەك، تۆش سۆڭەكلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
قىلىپسىز سۆڭەكلەر بولسا كۆپىنچە ئومۇرتقا سۆڭىكى بىلەن قۇلاق ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك سۆڭەكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ئۇرۇقسىمان سۆڭەكلەر ئادەتتە پەيلەرنىڭ ئىچىگە كىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ، مەسىلەن تىز كۆمۈرچەك سۆڭىكى. بۇلار ئاساسلىق پەيلەرنى قوغداش ھەم ھەرىكەتچانلىقنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ. (5 sikont sahla)
بىر سۆڭەكنى توغرىسىغا كېسىپ قاراپ باقساق، سىرتتىن ئىچىگە قاراپ سۆڭەك پەردىسى، زىچ سۆڭەك قاتلىمى، شالاڭ سۆڭەك قاتلىمى، يىلىكلەر قىسمى دەپ بىر قانچە قاتلامغا بۆلۈنىدۇ. رەسىمدە ئۇزۇن سۆڭەكنى مىسالغا ئالغان بولۇپ، باشقا سۆڭەكلەرنىڭمۇ قاتلاملىرى كۆپىنچىسى ئوخشاپ كىتىدۇ.
ئەڭ سىرتتىكى قاتلام يەنى سۆڭەك پەردىسى، بۇ پەردە سۆڭەكنىڭ سىرتىنى قورشاپ تۇرىدۇ. قان تومۇرلار ۋە بەزى نېرۋىلار بۇ قاتلام يۈزىدە بولىدۇ ۋە بەزىلىرى بۇ قاتلامنى تىشىپ ئۆتۈپ ئىچىگە كىرىدۇ.
ئىككىنجى قاتلام يەنى ئىخچام ياكى زىچ سۆڭەك قاتلىمى دەپمۇ ئاتايمىز. بۇ سۆڭەكنىڭ ئەڭ قاتتىق كۈچلۈك قىسمى بولۇپ، سۆڭەك ھۆجەيرىلىرى بۇ قاتلامدا زىچ جايلىشىدۇ، بۇ قاتلام بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقىنىڭ 80% ئىگەللەيدۇ.بۇ قاتلام سۆڭەكنىڭ قوغدىنىشچان قىسمى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئادەتتە كالتسىينى جىق ئىستىمال قىلىپ بەرسەڭ بەدىنىڭ كۈچلۈك سۆڭىكىڭ قاتتىق بولىدۇ دىگەن كالتسىي دەل مۇشۇ قاتلامدا جىق بولىدۇ. بۇ قاتلامدا يەنە قان تومۇرلار ماڭىدىغان قاناللار بولىدۇ. بۇ قان تومۇرلار سۆڭەككە ئوزۇقلۇق، ئوكسىگىن ئېلىپ كىلىدۇ.
ئۈچىنجى قاتلام بولسا شالاڭ سۆڭەك قاتلىمى. رەسىمدىكىسىگە بوش سۆڭەك قاتلىمى دەپ يىزىپ قويۇپتىمەن. بۇ قاتلامنىڭ شەكلى ئاشخانىمىزدىكى قاچا يۇغۇچ بۇلۇتقا ئوخشاپ قالىدۇ يەنى شالاڭ بولۇپ، ئارىلىقلىرىدا بوشلۇق بولىدۇ. بۇ پۈتۈن بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 20% نى ئىگەللەيدۇ. بۇ قاتلام سۆڭىكىڭىزنىڭ ئىلاستىلىكىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم بۇ قاتلامدا ئوزۇقلۇق ماددىلار ساقلىنىدۇ، كالتسىينىڭ بەزى خىمىيىۋىلىك پائالىيەتلىرى بۇ قاتلامدا بولىدۇ.
سۆڭەكنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى قىسىم يىلىك غىلىپى بولىدۇ. ئۆيدە سۆڭەك شورپىسى قىلغاندا مەززە قىلىپ يەيدىغان يىلىك دەل مۇشۇ غىلاپنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بەدەندىكى يىلىكلەر قىزىل يىلىك بىلەن سېرىق يىلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. قىزىل يىلىك ئاساسلىقى بەدەنگە لازىم بولغان قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پىلاستىنكىلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. سېرىق يىلىك ئاساسلىقى ماي ھۈجەيرىلىرى ۋە بەزى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
سۆڭەكنىڭ روللىرىغا كەلسەك ، بىرىنجى ئېسىمىزگە كېلىدىغىنى ھەرىكەت. يەنى ئۆرە تۇرۇش، مېڭىش، يۈگۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى سۆڭەكنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بارىمىز. بۇنىڭدىن سىرت سۆڭەكنىڭ بەدەندىكى ئورگانلارنى قوغداش رولىغا ئىگە. مەسىلەن باش قىسمىدىكى سۆڭىكىمىز ئىچىدىكى مېڭىمىزنى قوغدايدۇ. كۆكرەك قىسمىدىكى قوۋۇرغىلار بولسا يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق مۇھىم ئورگانلارنى قوغدايدۇ.
ئادەم بوينىنىڭ ئېگىز پاكار بولۇشى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم ئۇزۇن سۆڭەكنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىپ يىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇزۇن سۆڭەكنىڭ باش بويۇن قىسمىدىكى ئۆسۈش قەۋىتى ياخشى ئۆسۈپ يىتىلەلىسىلا ، ئادەم بويى تېخىمۇ ئىگىزرەك بولىدۇ.
ئەگەر بىر يەر سۇنسا نىمە ئۈچۈن ئاغريدۇ؟ بۇ ئاغرىقلار دەل شۇ سۆڭەكنىڭ يۈزىدىكى نېرۋىلار ۋە شۇ سۆڭەكنىڭ ئەتراپىدىكى ئورگان ياكى توقۇلمىلاردىكى نېرۋىلار ئاغرىق ھىسسىنى پەيدا قىلىدۇ. سۇنۇش ياكى قايرىلىش سەۋەبىدىن سۆڭەكنىڭ ھەرقايسى قاتلىمى زەخىم ئالسا، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىسا يەنى سۆڭەكنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، شۇ بۆلگىدىكى ئەزانىڭ ئۆمۈرلۈك نورمال ئىشلىمەسلىك، ئېغىرراق ئەھۋاللاردا، قان تومۇر توسۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىش خەۋپى بولىدۇ. شۇڭا پۇتىڭىز، قولىڭىز قايرىلىپ كېتىپ قالغاندا، ئەگەر بىر قانچە سائەت ئىچىدە بەك ئىششىپ كۆكىرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ، رېنتىگىن تارتىش لازىم. بولۇپمۇ، ياش ئۆسمۈرلەر بىلەن ياشانغانلار بۇ جەھەتتە چوقۇم دىققەت قىلىڭ. ھەرگىزمۇ ۋاي ھىچقىسى يوق، بىر قانچە كۈندە ساقىيىپ قالىدۇ دەپ يۈرىۋەرمەڭ.
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكى مۇشۇ سۆڭەكتىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ زىچلىقى ئازالغانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بەدەندە ئۇزۇن مۇددەت كالتسىي، ۋىتامىن د تۆۋەن بولۇش، بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىش، بەزى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا مەيلى قايسا ياشتا بولۇڭ، چوقۇم سۈت ئىچىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كالتسىي تولۇقلاش لازىم ھەم دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق بەدەندىكى د ۋىتامىننى تولۇقلاپ تۇرۇش لازىم. تەنھەرىكەتمۇ سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زور پايدىسى بولىدۇ.
سۆڭەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك لىكسىيەمىز مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن. بۇ لىكسىيە ئارقىلىق سۆڭەكلەرگە خېلى بىر تونۇشىڭىز ئېشىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
كېلەر قىتىم كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار.