قان بېسىمى بار ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ ئاسپىرىن بۆرەكتىكى قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەم ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن

. ئۇنىڭدىن سىرت، قان بېسىمى بار ئاياللاردا جىگەر، ئاشقازان، قەنت كېسىلى، زىققا قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاسپىرىننى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ. ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىشى ھەم تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1 . قان بېسىمى بىرقەدەر ياخشى كونترول قىلىنغان بولۇشى، ئادەتتە 85mmHg/130ئەتراپىدا بولغان بولۇشى، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر يوق ئاياللار ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئاسپىرىن پەقەت قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى ئازايتىش رولىنىلا ئوينايدىغان بولۇپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرەلمەيدۇ، ئاغرىقلار بۇنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى كېرەك.
2 . ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ سانى، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ سانى ئاز، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ناچار ئاياللار ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدە باشقا دورىلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
3 . ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلغاندا، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشى كۆزىتىش كېرەك، تېرىگە كۆك چۈشۈش ياكى ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن قاناش ياكى مەيدە قايناش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ۋە چوڭ تەرەت قارداپ كەلگەن ھامان، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، سۈيدۈكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ئاقسىل سىيىشنى بايقىغان ھامان، ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلىشنى دەرھال توختىتىش ھەم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
4 . قان بېسىمى بار ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى تەڭشىشى كېرەك. ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلسا ھەيز مۇددىتىنى ئۇزارتىۋېتىشى مۇمكىن.
غەيرەت قېييۇم تەرجىمىسى
تەڭرىتاغ تورى