يېقىندا ،Mayo Clinic تەتقىقاتچىلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ( AI ) دىن پايدىلىنىپ ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ( EEG ) نىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى بىر خىل ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ تېخنىكا مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى تېز، توغرا تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق بىمارلارغا تېخىمۇ بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا ئىمكان تەمىنلەپ، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ،AI EEG سانلىق مەلۇماتلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تەھلىل قىلىپ ،ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارغا قارىغاندا نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ تېز، توغرا پەرقلەندۈرەلەيدىكەن. بۇ ياشانغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇلار دېۋەڭلىك كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى ھېساپلىنىدۇ. تەتقىقات ئۆمىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: AI تېخنىكىسى زور مىقداردىكى مۇرەككەپ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ ھەمدە قىممىتى بار تېببىي ئۇچۇرلارنى ئايرىپ چىقالايدۇ ،بۇ دىئاگنوزنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ.
AI تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى دېۋەڭلىك كېسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس ،ئۇ يەنە باشقا نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ، مەسىلەن پاركىنسون كېسىلى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلى. بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇش AI مېدىتسىنا ساھەسىدىكى قوللىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. Mayo Clinic تەتقىقاتچىلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئىسپاتلاش ھەمدە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا كېڭەيتىپ قوللىنىش، ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بىمارلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا ،AI ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن EEG كەلگۈسىدە ئۆلچەملىك دىياگنوز قويۇش قوراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، نېرۋا كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىدىن ئۈمىد بار. تەتقىقات ئەترىتى بۇ تېخنىكىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ توغرا ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئەتراپلىق بولغان داۋالاش ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى. بۇ ئىلگىرىلەش تېببىي دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسىدىكى زور ئىلگىرلەش بولۇپ ،سانسىزلىغان بىمارلارغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە:
Mayo Clinic