ئانا سەھىپەرەسىملەرتېخنىكا ئۇسۇللارئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىگە دىققەت قىلىڭ

ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىگە دىققەت قىلىڭ

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپ قىسىم ئاشقازان كېسەللىكلىرى ئاشقازان راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر تەكشۈرگەندە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ.

ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىگە دىققەت قىلىڭ

ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش ئاشقازاندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئاشقازان راكىنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە، لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈشكە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاشقازانغا ئەينەك سېلىشتىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە بولىدۇ. يەنە نۇرغۇن بىمارلار تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكى ياكى ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى تاللاشنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق تاللاش كېرەك؟

 

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى سالغۇزۇش دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ پىرىنسىپى قانداق؟

ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكى كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس. دوختۇر كامېرا لىنزىسى بار نەيچىنى ئاشقازانغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە كۆزىتىدۇ.

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى بولسا ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكى ئاساسىدا ۋىنادىن ئوكۇل قىلىپ ناركوز قىلىنىدۇ، بىمار پۈتكۈل تەكشۈرۈش جەريانىدا پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز ھالىتىدە تۇرىدۇ، تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھوشىغا كېلىدۇ، شۇڭا ئاغرىق سېزىمى بولمايدۇ.

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى بىمارنى دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرىدۇ، دوختۇر تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىمارنىڭ نەيچە كىرگۈزۈشتىن كېلىپ چىققان بىئاراملىق كەلتۈرۈپ چىقارغان قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى ۋە ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكى تەكشۈرۈش تۈرىدىن قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟
ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى بىلەن ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكىنىڭ پەرقى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىدا بولىدۇ:

1. راھەت تۇيغۇسى ئوخشاش بولمايدۇ.

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى سالغۇزىدىغان بىمارلار تەكشۈرۈش جەريانىدا ھېچقانداق ئازابلانمايدۇ، چۈنكى بەدەن ناركوز قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىماردا كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق بىئاراملىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بەزى ئاغرىققا نىسبەتەن سەزگۈر كىشىلەردە روشەن ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

2. تەكشۈرۈش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ.

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى سالغۇزۇش ئۈچۈن ناركوز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، تەكشۈرگەندىن كېيىنمۇ بىمارنىڭ ھوشىغا كېلىشىنى ساقلاشقىمۇ بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكى بولسا بىۋاسىتە نەيچە ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ، شۇڭا ۋاقتى ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكىدىن كۆپ قىسقا بولىدۇ.

3. باھاسى ئوخشىمايدۇ.

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن ناركوز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەت ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ، ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ھەققى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ.

 

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى ۋە ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكىنى تاللاشتا، ئىككىسىنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئاساسەن تاللاش كېرەك:

1. بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى. ئەگەر ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىدىغان، ئەينەككە قارىسىلا قورقىدىغان ئادەم بولسا، ئاغرىتماي ئاشقازان ئەينىكى سالغۇزۇشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، ئەگەر چىداملىقراق ئادەم بولسا، ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكىنى تاللىسا بولىدۇ.

2. تەكشۈرۈش مەقسىتى. ئەگەر ئاددىي ۋە ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلسا، ئادەتتىكى ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش قىلدۇرسا بولىدۇ، ئەمما ئەگەر ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئاغرىقسىز ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.

3. ناركوز خەتىرىنى باھالاش. ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن، دوختۇر باھالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر دوختۇر بىمارنى ناركوز قىلسا بولمايدۇ دەپ باھالىسا، ئادەتتىكى ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.

 

ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە قانداق دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار؟

ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن تاماكا چېكىش چەكلىنىدۇ، تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن ئاز دېگەندىمۇ ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ئاچ قورساق بولۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى ئادەتتە يۇتقۇنچاق ناركوز دورىسى، پۈۋەكچە يوقىتىش دورىسى ئىستېمال قىلىش ۋە ئالدى بىلەن دوۋساقنى بوشىتىش كېرەك، تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن، كۆز ئەينەك، يالغان چىش قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا تېببىي خادىملارغا ماسلىشىش كېرەك.

ئەگەر ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى سېلىپ تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى 8-6 سائەتكىچە تاماق يېمەسلىك، تۆت سائەت سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن باش قېيىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكتىن، تەكشۈرگەندە ئائىلە ئەزالىرى ھەمراھ بولۇشى، ناركوز تۈگەپ ئۈزۈل-كېسىل ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئايرىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىككى سائەت ئىچىدە سۇ ئىچمەسلىك، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاۋۋال بىر يۇتۇم سۇ ئىچىش، بىئارام بولمىسا ئاندىن تاماق يېيىش كېرەك.

ئەگەر تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرگەندە، تۆت سائەتتىن كېيىن ئاندىن سۇيۇق ياكى يېرىم سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىنكى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە گال ئاغرىش ۋە يات ماددا كىرىۋالغاندەك سېزىم بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئامال بار قاتتىق يۆتىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ.

ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن ناركوز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ناركوز قىلىش بەلكىم بەلگىلىك خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا يېشى بەك چوڭ، ئۆپكە كېسىلى بار، زىيادە سېمىز ياكى نەپەسلىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا كېسىلى بار بىمارلارغا قارىتا ئاغرىقسىز ئاشقازان ئەينىكى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتىكى ئاشقازان ئەينىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن.

ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش ئاشقازاندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئەسلىدىلا ئاشقازان كېسىلى ياكى ئاشقازان راكى جەمەت تارىخى بارلار قەرەللىك ھالدا ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتىكى ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئاغرىقسىز ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18025093.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-03 / 05:12:55

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ