ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى پۇتىغا قاراپلا بىلگىلى بولامدۇ؟

ئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى پۇتىغا قاراپلا بىلگىلى بولامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كۈتۈنۈش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشمۇ قىزىق تېمىغا ئايلاندى، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بولغان ئىنتىلىشنى توختىتىپ باقمىدى، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق ياشىشىنى، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن كۆپرەك ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھاياتنىڭ نورمال ھالىتى، بۈگۈنكى كۈندە ھازىرقى زامان كىشىلىرىمۇ ئاستا-ئاستا بۇ نۇقتىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

بىراق ئۆمۈرنىڭمۇ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بولىدۇ، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياشانغانلار ئاز ئەمەس. شۇنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياشانغانلار ئىچىدە ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارمۇ ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا بەش يىل ئەتراپىدا كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

پۇت مېڭىمىزنىڭ ئەڭ يىراق قىسىمىغا جايلاشقان ھەمدە پۇت قىسىمىمىزدا نۇرغۇن پەللىلەر بولىدۇ، گەرچە بۇ پەللىلەرگە سەل قارالسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارقىلىق بەدەننىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالاھىدىلىك بولسا ئۆمرىمىزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى پۇتىغا قاراپلا بىلگىلى بولامدۇ؟

1. ئىككى پۇتى ئىللىق بولۇش

ئەگەر ئاياللارنىڭ ئىككى پۇتى ناھايىتى ئىللىق بولسا، بەدەندىكى قاننىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بەدەندىكى قان ئايلىنىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، قاننىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە بەدەن مېتابولىزمىنىڭ راۋان بولۇشىنىڭ نەتىجىسى. ئەگەر ئاياللارنىڭ ئىككى پۇتى ئىللىق بولمىسا، ئۇنداقتا سالامەتلىككە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال قان يېتەرلىك بولماسلىق، مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستا بولۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، يەنە باشقا بىنورمال ئەھۋاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن.

2. پۇتنىڭ تېرىسى سىلىق ۋە پارقىراق بولۇش

تېرە ئەھۋالى بىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇتنىڭ تېرىسى بىزنىڭ يۈز تېرىمىزگە ئوخشاش مەلۇم دەرىجىدە بىزنىڭ بەدەن ئەھۋالىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئەگەر بىزنىڭ تېرىمىز سىلىق ۋە پارقىراق بولسا تەبىئىيلا تېنىمىزنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر پۇتتىكى تېرە قۇرغاقلىشىپ، تېرە يېرىلسا بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر تېرە كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسا ئازراق ۋىتامىن يەپ بۇ مەسىلىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما تېرە كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك.

3. پۇت بارمىقى قىزىرىش

ئەمەلىيەتتە پۇت بارماقلىرىنىڭ رەڭگىنى كۆزەتكەندە بەدەندىكى قاننىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئەگەر پۇت بارماقلىرى قىزىل ھەم پارقىراق بولسا بۇ قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، بەدەن ساپاسىنىڭمۇ بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، قان ۋە قۇۋۋەت يېتەرلىك بولغان ئاياللارنىڭ ئۆمرى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىماققا ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ياش كۆرۈنىدىكەن. شۇڭا ئاياللار ئەگەر ئۆز بەدىنىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى كۆزەتمەكچى بولسا پۇت بارماقلىرىنىڭ قىزىل ھەم پارقىراق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى كۆزەتسە بولىدۇ.

4. ئۇيۇشۇپ قېلىش

ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان پۇت ئۇيۇشۇش بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىگە تەۋە بولۇپ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۈنۈملۈك يېنىكلەيدۇ. لېكىن ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل پۇتنى ئالماپ تۇرۇشقا ئوخشاش بىر خىل ھالەتنى مۇقىم ساقلىغاندا، ئەگەر بۇ فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا يەنىلا پۇت ئۇيۇشۇش ئالامىتى كۆرۈلسە بەلكىم بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بەل ئومۇرتقىسىدىكى نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پۇت بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە پۇت ئۇزۇن مۇددەت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ ھەمدە تەكرار قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، پۇتىدا ئۇيۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇتنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ، كۆپرەك سۇ ئىچىپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، كەيپىياتنى ياخشى ساقلىغاندا، بەدەننىڭ ساغلام بولۇشىنى ھەمدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تېخىمۇ ئوڭاي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/01/19142306.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ