ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSزەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئەيدىزئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زەھەر چېكىشىنى قانداق توسۇش لازىم

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زەھەر چېكىشىنى قانداق توسۇش لازىم

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

زەھەر ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى بىر چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەت مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدىكى%80تىن ئارتۇقراقى ياشلار ئىكەن

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدىمۇ زەھەر چىكىدىغانلار پەيدا بولدى ھەمدە كۈندىن – كۈنگە كۆپەيمەكتە ، كېشىنى چۆچىتىدىغان بۇنداق ئىجتىمائىي ھادىسە بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ . ،بۇ ، مەكتەپ ۋە ھەر بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى .
ئالىي مەكتەپ دەۋرى بولسا ئۈسۈپ يېتىلىش دەۋرىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل .تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىق ۋە تەلپۈنۈش ، رەڭگارەڭ ۋە گۈزەل ھاياتقا بولغان ئىنتىلىش تولۇپ تاشىدىغان مەزگىل . بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئەگەر بىرەر تال تاماكا چېكىپ قالسىلا ئېچىنىشلىق ھاياتنىڭ باشلانغىنى شۇ . پاجىئەلىك تەقدىرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم زەھەرنى چەكلەيدىغان پىسخىلوگىيىلىك مۇداپىئە لىنىيىسىنى قۇرۇش لازىم .

تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئىشنى ياخشى قىلغاندىلا ، ئاندىن زەھەرنى ئۈنۈملۈك توسىغىلى بولىدۇ :

1.زەھەر ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەر ۋە زەھەر چەكلەش قانۇن نىزاملىرى تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ ، زەھەرنىڭ زىيىنىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يېتىش لازىم؛

2.توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، قارىغۇلارچە پايدا –مەنپەئەت ۋە مودا قوغلاشماسلىق لازىم؛

3.زەھەر كېسەل داۋالايدۇ ، ھېرىپ –چارچاشتىن ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ ، كىشىگە خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر ئېلىپ كېلىدۇ دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك؛

4.زەھەر چىكىدىغانلار ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلماسلىق ، ئەگەر دوستلىرى ئىچىدە زەھەر چىكىدىغانلار ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرى بولسا ، چوقۇم نەسىھەت قىلىپ توسۇش ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىش لازىم؛

5. تانسىخانىلاغا كىرگەندە ، باش گىلدىڭلاتقۇ ، Kپاراشوكى قاتارلىق ھاياجانلاندۇرۇش تابلىتكىلىرىنى قەتئىي ئىستىمال قىلماسلىق لازىم؛

6.ئۆزى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، قىزىقىپلا بىر قېتىم چەككەن بولسا ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەپ ،ئىككىنچى قېتىم چەكمەسلىك ، ئۈچۈنچى قېتىم تېخىمۇ چەكمەسلىك لازىم ؛

ياش دوستلار ، ھايات ئۆزىمىزگە مەنسۇپ ، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان ھاياتنى قەدىرلەپ ، زەھەردىن يىراق تۇرايلى !

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:14:27

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ