ئانا سەھىپەبىلىمبۆلۈملەربالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مېدىتسىنادىكى بىر مەخسۇس بۆلۈم بولۇپ، مەخسۇس يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، بوۋاقلار، بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ساغلاملىقى، كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى تەتقىق قىلىدۇ. بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش باسقۇچىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىپلا قالماي، يەنە چوڭلارغا ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئىپادىسى ۋە داۋالاش ئىنكاسىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بالىلار بۆلۈمىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.

 

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى: بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Pediatrics department
تۈركچە ئىسمى: Pediatri, Çocuk sağlığı ve hastalıkları bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 儿科

 

بالىلار بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

بالىلار بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر : مەسىلەن، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ( زۇكام )، كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار.

2. ئىممۇنىتېتقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر : مەسىلەن، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى، زىققا، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلار.

3. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى : مەسىلەن، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، ئاشقازان – قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش قاتارلىقلار.

4. ئۆسۈپ – يېتىلىش مەسىلىسى : مەسىلەن، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، راخىت كېسىلى قاتارلىقلار.

5. نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى : مەسىلەن، تۇتقاقلىق، مېڭە پارالىچ قاتارلىقلار.

6. تۇغما كېسەللىكلەر : مەسىلەن، تۇغما يۈرەك كېسىلى، دوۋن يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلار.

7. باشقا كېسەللىكلەر

 

قانداق كېسەللىك ئالامىتى بالىلار بۆلۈمىگە كۆرۈنۈشى كېرەك؟

تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئادەتتە بالىلار بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك:

1. داۋاملىق قىزىش : بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 گرادۇستىن يۇقىرى بولۇش ،بولۇپمۇ بوۋاقلاردا كۆرۈلگەن قىزىتما.

2. نەپەس قىيىنلىشىش : ھاسىراش ، نەپەس تېزلىشىش ياكى نەپەس رىتىمسىز بولۇش، نەپەسلىنىشتا قىينىلىش.

3. ئېغىر يۆتەل : داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قۇسۇش باراۋەر كۆرۈلگەن يۆتەل، ئارقا-ئارقىدىن يۆتەلدىن كېيىن نەپەس ئالالماي يۈزى قىزىرىش ياكى كۆكىرىش.

4. قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش : 5-6 قېتىم قۇسۇش ۋەيا ئىچى سۈرۈش سەۋەپلىك سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى.

5. ئەسۋە : قىزىش ياكى پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش قوشۇلۇپ كەلگەن ئەسۋە.

6. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ياكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش : بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ۋەيا سەمىرەلمەسلىك.

7. ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش : مەسىلەن، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، بىئارام بولۇش، بىنورمال يىغلاش قاتارلىقلار.

8. باشقىلار: ئاتا – ئانا تەرىپىدىن بوۋىقىدا ياكى بالىسىدا بىنورمال ھىس قىلىش.

ئەسكەرتىش: ئەگەر مەزكۇر بۆلۈمگە نومۇر ئالالمىغاندا، بەدەندىكى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، نومۇر ئېلىشنى ساقلاپ تۇرماستىن، ئۇدۇل بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە نومۇر ئالمايلا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك!

بالىلار بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى مەسئۇلىيىتى

بالىلار كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش : بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. سالامەتلىك تەكشۈرۈش : بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆزىتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

3. كېسەللىك ئەھۋالىنى كۈزىتىش: ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۈزىتىش، مەسىلەن، زىققا، دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈزىتىش، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە داۋالاش پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش.

4. ساغلاملىق تەربىيەسى : ئاتا – ئانىلارغا ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ بالىلارنى قانداق پەرۋىش قىلىشى ۋە بېقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

5. باشقىلار..

 

بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە قانداق كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؟

بالىلار بۆلۈمى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدە ، بىمارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللارنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش : مەسىلەن، باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغى، سېپتىتسېمىيە، كېكىردەك ياللۇغى ۋە باشقىلار..

2. نەپەس قىيىنلىشىش : مەسىلەن، ئېغىر زىققا كېسىلى قوزغىلىش، نەپەس زەئىپلىشىش ۋە باشقىلار..

3. ئۆتكۈر زەھەرلىنىش : مەسىلەن، دورا ياكى خىمىيەلىك بۇيۇملاردىن زەھەرلىنىش.

4. كۈتۈلمىگەن زەخىم : مەسىلەن، سۆڭەك سۇنۇش، كۆيۈك يارىسى، ئېغىر جاراھەت.

5. يۇقىرى قىزىتمىلىق چۆچۈش : بالىلارنىڭ يۇقىرى قىزىتمىدىن كېلىپ چىققان چۆچۈش.

6. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى جىددىي كېسەللىكلەر: مەسىلەن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق چۈشۈش، تۇنجۇقۇپ قېلىش، قىزىتما، جىددىي يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار.

7. باشقىلار:  باشقا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئامىللار كۆرۈلگەندە بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىش لازىم.

 

بالىلار كېسەللىلىرى بۆلۈمى تارىخچىسى

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تارىخىنى قەدىمكى دەۋردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەڭ دەسلەپكى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئەمەلىيىتى قەدىمكى يۇنان ۋە قەدىمكى مىسىردا بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى زامان بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تەرەققىياتى 19 – ئەسىردە باشلانغان، مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تەدرىجىي ھالدا بىر مۇستەقىل تېببىي مەخسۇس بۆلۈمگە ئايلاندى.

فىرانسىيەلىك دوختۇر ئابراھام ( Abraham Jacobi ) «ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاتىسى» دەپ قارالغان بولۇپ، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بالىلار بۆلۈمى تەدرىجىي ھالدا نۇرغۇن تارماق ساھەلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچى ۋە بەدەن سىستېمىسىگە ئائىت تەتقىقاتلار چوڭقۇرلىشىپ، بىمار بوۋاق بالىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.

 

بالىلار بۆلۈمىدە كۆپ قىلىنىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى

بالىلار بۆلۈمىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. بەدەن تەكشۈرۈش: بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، باش ئايلانمىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. قان تەكشۈرۈش: مەسىلەن، قان تەكشۈرۈش، جىگەر ئىقتىدارى، بۆرەك ئىقتىدارى تەكشۈرۈش، ئۆكچە قان (ئارقا تاپان قان) تەكشۈرۈشى قاتارلىقلار.

3. تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش: كېسەللىك ئىھتىياجىغا ئاساسەن X نۇرى ،ئۇلترا ئاۋاز ،CT ۋە MRI قاتارلىق تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4. سۈيدۈك ئانالىزى: سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، بۆرەك مەسىلىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

5. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى سىناش: بوۋاقلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ۋە كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىنى باھالايدۇ.

6. يېتىلىشنى باھالاش: بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، ھەرىكىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتىكى يېتىلىش سەۋىيەسىنى باھالاش.

7. باشقا تەكشۈرۈشلەر…

 

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تارماقلىرى

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئوخشاش بولمىغان مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۆپ تارماققا بۆلۈنىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمى ( Neonatology ) : مەخسۇس يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى تەتقىق قىلىدۇ، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

2. بالىلار يۈرەك بۆلۈمى ( Pediatric Cardiology ) : بالىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

3. بالىلار نەپەسلىنىش بۆلۈمى ( Pediatric Pulmonology ) : بالىلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەسىلەن، زىققا، ئۆپكە ياللۇغى.

4. بالىلار ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ( Pediatric Gastroenterology ) : بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە، مەسىلەن، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

5. بالىلار نېرۋا بۆلۈمى ( Pediatric Neurology ) : مەخسۇس بالىلاردىكى تۇتقاقلىق، مېڭە پارالىچ قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

6. بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ( Pediatric Endocrinology ) : بالىلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، مەسىلەن، دىئابېت كېسىلى، ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلار.

7. بالىلار قان كېسەللىكلىرى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ( Pediatric Hematology and Oncology ) : مەخسۇس بالىلاردىكى ھەر خىل ئۆسمە ۋە قان كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ، مەسىلەن، ئاق قان كېسىلى.

8. بالىلار ئاللېرگىيە ۋە ئىممۇنولوگىيە بۆلۈمى ( Pediatric Allergy and Immunology ) : بالىلارنىڭ بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىلىرىنىڭ سەۋەپلىرىنى ئىزدىنىدىغان مەخسۇس بۆلۈم.

9. بالىلار مېتابولىزما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ( Pediatric Metabolic ) : بالىلاردا بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولغان مېتابولىزىم كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا مەركەزلەشكەن تارماق بۆلۈم.

10. بالىلار ئېغىر كېسەللىكلەر يېقىندىن كۈزىتىش بۆلۈمى ( Neonatal Intensive Care Unit , NICU ) : ئېغىر ھاياتى خەۋپتە بولغان بالىلارنى يېقىندىن كۈزىتىدىغان مەخسۇس بۆلۈم. بۇ بۆلۈم كۆپىنچە بىمار بوۋاق بالىلارنىڭ ئېغىر كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ھىساپلىنىدۇ.

11. بالىلار تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ( Pediatric Surgery ) : بوۋاق بالىلاردا ئوپىراتسىيە كېرەك بولغان ئەھۋاللاردا، مەزكۈر تارماق بۆلۈم مۇتەخخەسىسلىرى بىمارنى باھالايدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوپىراتسىيىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

12. بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى ( Pediatric Infectious Diseases ) : بوۋاق بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئېغىر ، سوزۇلما جاھىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان تارماق بۆلۈم.

13. بالىلار بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ( Pediatric Nephrology ) : بوۋاق بالىلارنىڭ سۈيدۈك يولى بۆرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەكشۈرىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان ۋە داۋالايدىغان مەخسۇس تارماق بۆلۈم. بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

14. بالىلار پىسخولوگىيە بۆلۈمى ( pediatric Psychiatry )

15. باشقا تارماقلار...

بۇ تارماقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ، دوختۇرلارنىڭ بالىلارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا. چوڭ دوختۇرخانىلاردا، يۇقارقى ئايرىم تارماق بۆلۈملەرنىڭ مۇتەخخەسىسلىرى بولىدۇ.

 

بالىلار بۆلۈمى كۆپ پەنلەر ھەمكارلىقى

بالىلار بۆلۈمى نۇرغۇن ئەھۋالدا باشقا بۆلۈملەر بىلەن كۆپ پەنلەر بويىچە ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج. مەسىلەن، مۇرەككەپ تۇغما يۈرەك كېسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى يۈرەك تاشقى بۆلۈمى، ناركوز بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمى قاتارلىق نۇرغۇن بۆلۈملەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بالىنىڭ ئوپېراتسىيە ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك پەرۋىش قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ پىسخىكا مەسىلىسىنىمۇ پىسخىكا بۆلۈمى، روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر بىلەن بىرلىشىپ باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

 

بالىلار بۆلۈمى ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى

ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى بالىلار بۆلۈمىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بالىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش، ئوزۇقلۇققا يېتەكچىلىك قىلىش، ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشنى كۆزىتىش بالىلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بالدۇر ئارىلىشىش ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى ئارقىلىق، بالىلار بۆلۈمى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

بالىلار بۆلۈمى پەرۋىش ئالاھىدىلىكى

بالىلار پەرۋىشى چوڭلار پەرۋىشىگە ئوخشىمايدۇ، تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە مۇلايىم ئۇسۇل بولۇشى كېرەك. بالىلار بۆلۈمى دوختۇرلىرى ۋە سېستىرالىرى بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ماھارىتىنى ھازىرلىشى، بالىلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى چۈشىنىشى، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرىنى پەرۋىش قىلىشتىكى رولىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئۇلار تېببىي خادىملار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى غەمخورلۇققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تەرەققىيات يۈزلىنىشى

پەن – تېخنىكا ۋە مېدىتسىنانىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، گېن تەكشۈرۈش بالىلاردا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە قوللىنىشى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، يىراق مۇساپىلىق داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى چەت رايونلاردىكى بالىلارنىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشتۈردى. كەلگۈسىدە بالىلار بۆلۈمى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كۆپ بىرلەشتۈرۈپ، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن.

 

بالىلار كېسەللىكلىرى ئەخلاق ۋە قانۇن مەسىلىسى

بالىلار بۆلۈمى نۇرغۇن ئەخلاق ۋە قانۇن مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە داۋالاش تەدبىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا. مەسىلەن، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش تەدبىرىگە چېتىلغاندا، تېببىي خادىملار ئاتا – ئانىلار بىلەن زىچ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن بالىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ۋە ئەھۋالنى بىلىش، قوشۇلۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ بالىلار بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ دۇچ كەلگەن مۇھىم ئەخلاق مەسىلىسى.

 

بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىق

بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى يەنە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەسىلەن، ئائىلە مۇھىتى، مەكتەپ مۇھىتى، جەمئىيەتنىڭ قوللىشى قاتارلىقلار. بۇ ئامىللار بالىلارنىڭ پىسخىكا ۋە ھەرىكەت ساغلاملىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بەزىدە جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى، مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بالىلارنىڭ ئائىلە توقۇنۇشى، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

 

 بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دۇنيا سەھىيە ساغلاملىق ساھەسىدىكى رولى

بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدۇنيا سەھىيە ساغلاملىق ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە بالىلار كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. يەر شارى سەھىيە تەشكىلاتى ( مەسىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ) ۋە خەلقئارا بالىلار كېسەللىكلىرى تەشكىلاتى ۋاكسىنا ئەملەشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ