ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقسامساقنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بارمۇ-يوق؟

سامساقنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بارمۇ-يوق؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامساق بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزدە كەم بولسا بولمايدۇ.

ئۇ بىزنىڭ تامىقىمىزغا تەم قوشۇپلا قالماي يەنە بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ھەتتا راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار دىگەن قاراشلارمۇ بار، ئۇنداقتا سامساق راستتىنلا راكقا قارشى تۇرالامدۇ؟

مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سامساقتىكى بەزى فۇنكسىيىلىك ئاكتىپ ماددىلار بەلگىلىك مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، گۈڭگۈرت تەركىبلىك بىرىكمىلەر ۋە سېلېن تەركىبلىك بىرىكمىلەر راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئاكتىپ ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن. لېكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بىر خىل يېمەكلىك، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى راكقا قارشى دورا دەپ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن راكقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر خىل كۆكتات.

سامساقنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بارمۇ-يوق؟

راكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى رولى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ

1. سامساق مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە

كىشىلەر بەزى باكتېرىيەلەردىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن باكتېرىيىلەر ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سامساق باكتېرىيەلەرنى تورمۇزلاپ، ھەزىم قىلىش يولى مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ.

2. سامساقنىڭ تەركىبىدە گۈڭگۈرت مول

تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار بىرىكمىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرىنىڭ ئۆزى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋە مىكروب ئۆلتۈرگۈچى دورىدۇر. تەركىبىدە گۈڭگۈرت بولغان بىرىكمىلەر ئاساسلىقى سامساق كىسلاتاسى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا، سامساق كىسلاتا ئېنزىمى تەرىپىدىن كاتالىزلاپ بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر قاتار كىچىك مولېكۇلىلىق گۈڭگۈرت سۇلفىد ھاسىل قىلىدۇ، بۇ كىچىك مولېكۇلىلىق گۈڭگۈرت سۇلفىد نۇرغۇن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن بىرىكىپ، ئۇلارنىڭ راك پەيدا قىلىش رولىنى توسۇپ قويىدۇ.

3. گۈڭگۈرت بىلەن سېلىن

گۈڭگۈرتنىڭ ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى «قوشنىسى» سېلېن بولۇپ، گۈڭگۈرت بىلەن سېلېننى بەلگىلىك شەرت ئاستىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، گۈڭگۈرتنى سېلېنغا ئالماشتۇرغاندا، شەكىللەنگەن كىچىك مولېكۇلىلىق سېلېنلىق بىرىكمىلەر بەدەنگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

ئۇنداقتا سامساقنى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟ يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟

سامساقنى خام يېيىشنىڭ ئۈنۈمى پىششىق يېيىشنىڭ 9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خام يېيىش يەنە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا پايدىلىق. قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 2-5 گىرام يېڭى سامساق يەپ بەرسە سالامەتلىككە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

گەرچە خام يېيىش سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق بولسىمۇ لېكىن بىر قېتىمدىلا كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىق، شۇڭا يەنە بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

ئاچ قورساق ياكى ئىسسىق شورپا ئىچكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ كۈن ئارىلاپ ئاز ئاز يېيىش، كۈنىگە 2-3 چىش يېسە مۇۋاپىق؛ يۈرەك كېسىلى ۋە ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بىمارلىرى ئاز ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش؛ جىگەر، بۆرەك، بىئارام بولىدىغانلار داۋالىنىش مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ؛ ھەسەل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ئاكتىپ بولغان راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش يولى سىستېمىسىدا يۈز بېرىدىغان راك كېسەللىكىدە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەجرىبىخانا مۇھىتىدىمۇ تەركىبىدە گۈڭگۈرت بولغان بىرىكمىلەر ۋە سېلېن بولغان بىرىكمىلەرنىڭ باشقا ئەزالارنىڭ ئۆسمىلىرىنى تىزگىنلەشتىمۇ ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-07-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-06-30 / 10:15:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ